نىلوپەر غولىنى بوش چاغلاپ قالماڭ، يىگەنسىرى يىگۈڭىز كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 31222:قېتىم كورۇلدى
   نىلوپەر غولىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان نىلوپەر غولى قورىمىسى، ئاچچىق ھەم چۈرۈك بولۇپ، بىر يىسىڭىز خۇمار بولۇپ، يەنە يىگۈڭىز كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    نىلوپەر غولى، قاقمۇچ، زەنجىۋىل، غولپىياز مايسىسى، سامساق
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    ئىستىمال مېيى، تۇز، كىراخمال، پۇرچاق بوتقىسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
   ئالدى بىلەن نىلوپەر غولىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   كەينىدىن قايناپ تۇرغان سۇغا سېلىپ، چوڭ ئوتتا ئىككى مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز.
   پىشىرۇپ بولغاندىن كىيىن سۈزىۋىلىپ سۇغۇق سۇغا چىلايمىز.
Step 2
    سۇغا چىلاپ قويغان نىلوپەرغولى ياپراقچىسىنى سۈزىۋىلىپ، سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، ئۈستىگە بىر قەۋەت كىراخمال سېپىپ، قارىماققا قۇرۇقتەك كۆرۈنىدىغان ھالەتكە ئەكىلىمىز.
    قازانغا ماي قۇيۇپ 7ئۈلۈش قىزىتقاندىن كىيىن، نىلوپەرغولى ياپراقچىسىنى ھەممىنى بىراقلا قازانغا تۆكمەي، بىرتالدىن بىرتالدىن سېلىپ، ئوتتۇرا ھال دەرىجىلىك ئوتتا داغلايمىز؛
    داغلاپ سارغايغاندىن كيىن، مايدىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
Step 3
    قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، ئۇششاق توغرالغان سامساق، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛
    ئاخىرىدا قاقمۇچنى قازانغا تاشلاپ، بىر  قوشۇق پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ، كىچىك ئوتتا قورۇپ پۇرچاق بوتقىسىنى تارقاقلاشتۇرىمىز ھەمدە تەمىنى چىقىرىمىز.
Step 4
    بۇ ۋاقىتتا، ئالدىدا داغلاپ تەييارلىغان نىلوپەرغولى ياپراقچىسىنى قازانغا سالىمىز؛
   ئۈستىگە بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ، نىلوپەر غولى ياپراقچىسىغا رەڭ كىرگۈزىمىز.
   ئاغىرىدا ئۈستىگە ئازراق چانالغان غولپىياز مايسىسى قوشۇپ، نەچچە ئۆرۈپ مالتىلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
Step 5
    ئاددى بىر نىلوپەرغولى ياپراقچىسى، قاينىتىپ پىشۇرۇش، داغلاش ۋە قورۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇل تەرتىپنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، تەمى تەبىئىيلا ئۆزگىچە چىقىدۇ؛ سىزمۇ كىلىپ سىناپ بېقىڭ!

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号