قىزارتىپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان چىچەكسەي ئىشتىھانى ئاچىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 23619:قېتىم كورۇلدى
   قىزارتىپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان چىچەكسەي، بىر خىل ساغلاملىق گۆشسىز قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇقى يۇقىرى ھەم تەمى ياخشى؛ ئادەتتە گۆش-كاۋاپنى كۆپ يەپ كۆڭلىڭىزنى تۇتۇۋالغان بولسا، دەل بۇ خىل قورۇمىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىشتىھانى ئېچىشقا بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   چىچەكسەي، شوخلا، سامساق
خۇرۇچ ماتىريالى
   ئىستىمال مېيى، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، پەمىدۇر قىيامى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

   چىچەكسەينىڭ تۈۋى قىسمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ، كىچىكرەك قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ پەمىدۇرنىمۇ كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز.
Step 2
    قازاندا سۇ قاينىتىپ چىچەكسەينى سالىمىز، سۇ قايتا قايناپ چىققاندىن كىيىن چىچەكسەينى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز؛
Step 3

    قازاننى قايتا ئېسىپ مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، ئاۋال سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن شوخلىنى سېلىپ قورۇپ شەربىتىنى چىقىرىمىز؛ بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى قوشۇۋەتكەندىن كىيىن، بىر پىيالە سۇ قۇيىمىز.
Step 4
    سۇ قاينىغاندىن كىيىن، چىچەكسەينى سېلىپ قورۇپ رەڭ كىرگۈزۈمىز.
Step 5
    چىچەكسەينى بىردەم قاينىتىپ تۇلۇق پىشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىر قوشۇق تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ، يەنە يېرىم مىنۇت قايناتساقلا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
Step 6
    قېنىق رەڭ ۋە ئالاھىدە تەمدە كەلگەن پەمىدۇر قىيامى، ئادەتتىكىچە بولغان چىچەكسەينى باشقىچە تەملىك قىلىۋىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇقلۇقىمۇ يۇقىرى، ئەمما ئىنىرگىيە تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن. ۋاقتىڭىز چىققاندا سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号