پىدىگەننى قورىمىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا تەملىك قىلىپ تەييارلىيالايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 21705:قېتىم كورۇلدى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىدىگەن بىلەن جىڭجىڭگونىڭ ئاددىغىنا بىر تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.
   ئالدى بىلەن جىڭجىڭگونى پاكىزە يۇيۇپ تازىلىغاندىن كىيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى پاكىزە سىلكىۋىتىمىز؛ پىدىگەننى يۇيۇپ پىلىكى تەرىپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنى بىر سانتىمىتىر قېلىنلىقتا ئۇزۇنچاقراق قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە تەخسە ئىچىگە پاتقىچىلىك بولسا بولىدۇ. بىر سانتىمىتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز ھەمدە تەخسىگە سېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز. بۇندىن باشقا، بىر نەچچە تال سامساق ۋە كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
    كەينىدىن، ئالدى بىلەن جىڭجىڭگونى تەخسىنىڭ تىگىگە بىر قەۋەت ياتقۇزىمىز، ئۇلاپلا ئۈستىگە بىر قەۋەت پىدىگەن قەلەمچىسى تىزىپ چىقىمىز؛ مۇشۇ بويىچە بىر قەۋەت جىڭجىڭگو بىر قەۋەت پىدىگەن قىلىپ، تىزىپ چىقىمىز. ئاخىرىدا ئۈستىگە سامساق ۋە قىزىلمۇچنى تۆكۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ، دۈملىمە قازىنىغا قويىمىز.
   قازاندىكى سۇ قايناپ ئون مىنۇتتىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۋىتىپ، تەخسىنى ئېلىۋالساق بولىدۇ. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا غولپىياز مايسىسى تاشلاپ تەم چىقارغاندىن كىيىن، قىزىق ماينى دۈملەپ تەييارلىغان پىدىگەن جىڭجىڭگونىڭ ئۈستىگە قۇيساق. بۇگۈنكى پىدىگەن جىڭجىڭگو دۈملىمىسى تەييار بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号