سەي كاۋىسى قورىغان ۋاقىتتا، بىر قۇشۇق قىيامنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 23680:قېتىم كورۇلدى
    ياز كۈنى كىرىش بىلەن، كۆكتاتلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ؛ مانا بۇ، سەي كاۋىسىنىڭ باھاسىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىپتۇ. ئەمىلىيەتتە، سەي كاۋىسى ئۆزى ئەرزان بولغان بىلەن، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ياخشى، قورۇما قورىساقمۇ، تامغاقنى چاكىلداتقۇدەك قورۇما بولىدۇ.
    ئادەتتە، بىز سەي كاۋىسى قورىغان ۋاقىتتا، ئۇنى قۇرۇقلا قورۇيمىز؛ بىراق ئەگەر، قورۇش جەريانىدا قازانغا بىر قۇشۇق قىيام قوشۇۋتسەك، باشقىچە بىر خىل تەمدىن ھۇزۇرلىنالايمىز.
قىياملىق سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
   كىتەرلىك ماتىريال: سەي كاۋىسى، سېرىق پۇرچاق قىيامى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، تۇز، سامساق، شاكال بەدىيان، كىراخمال
تەييارلاش باسقۇچلىرى
   1. سەي كاۋىسىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئوتتۇردىن يېرىپ تۆت پارچە قىلىمىز ۋە ئوتتۇرلۇقتىكى ئۇرۇغلىرىنى ئېلىۋىتىمىز.
   2. سەي كاۋىسىنى تۆۋەنىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاش يانتۇ ھالەتتە توغرا تەييارلايمىز.
   3. كىراخمالنى ئازراق سۇغا چىلاپ، سۇ كىراخمالى قىلىپ تەييارلايمىز.
   4. قازاننى ئېسىپ قىزىتقاندىن كىيىن ماي قۇيۇپ، ماي قىزىغاندىن كىيىن ئاۋال شاكال بەدىياننى، كەينىدىن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
   5. سەي كاۋىسىنى قازانغا سېلىپ 30 سىكونت چوڭ ئوتتا قورۇيمىز.
   6. بىر قوشۇق سېرىق پۇرچاق قىيامى، ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ يەنە ئازراق قورۇپ، قىيامنىڭ تەم پۇرىقىنى چىقارغاندىن كىيىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ بىر مىنۇت دۈملەيمىز.
   7. بىر مىنۇت توشقاندىن كىيىن، كىراخمالنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا نەچچە مالتىلاپ قورۇۋەتكەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号