موگو بىلەن تەرخەمەكنى بىللە قورىسا گۆشتىنمۇ تەملىك بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 24174:ئادەم ئۆگەندى
   موگو بىلەن تەرخەمەكنى بىللە قورىساق، تەمى ئىسىل قورۇما بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يىتىدىغان بولۇپ، راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەپ ئۇرۇقلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: تەرخەمەك، موگو، تۇز، تېتىتقۇ، قارىمۇچ قاتارلىقلار
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، تەرخەمەكنىڭ ئىككى ئۇچىنى كىسىۋىتىپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز؛ موگونىمۇ پاكىزە يۇيغاندىن كىيىن، ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن پىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن موگونى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، موگوغا ئازراق تەم كىرگەندىن كىيىن، تەرخەمەكنى سېلىپ بىرلىكتە قورۇيمىز. ئاخىرىدا، ئازراق تۇز ۋە تېتىتقۇ قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
تەرخەمەك موگو قورىمىسىنىڭ ئىستىمال قىممىتى
   تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلار مول؛ ئەگەر تەرخەمەك بىلەن موگو بىرلەشسە، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدىغان بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، تىرىدىكى رەڭ ماددىلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. بۇنىڭدىن باشقا، موگونىڭ راكقا قارشى تۇرۇپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، موگو تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى، ئۈچەيدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ، ئۈچەي ئىقتىدارىنى ياخشىلىيالايدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号