كۆكمۇچ بەرەڭگە قورىمىسى، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 21989:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر جەمئىيەتتە، تاشقى قىياپىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ قېلىنىدى؛ شۇڭا بۇ سەۋەپلىك، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان خانىم-قىزلىرىمىز، ئۇرۇقلاشنى ئۆمۈرلۈك كەسلىپ قىلىۋالماقتا. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ياز كۈنلىرىدە، بەدەننىڭ ئېچىلىپ تۇرىدىغان يەرلىرى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئۇرۇقلاش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ مۇھىم كۈن تەرتىۋىگە تىزىلىپ بولدى. بىراق، ئۇرۇقلايمەن دەپ ھەركۈنى تاماق ئىستىمالىنى ئازايتىۋەرسەك، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك شەكىللىنىپ، سالامەتلىككە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سىزنى ئاچ قويمايدىغان ھەمدە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگىمۇ يەتكۈزەلەيدىغان بىر خىل قورىمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    بەرەڭگە بىلەن كۆكمۇچ ئەڭ ياخشى ھەمرالاردىن بولۇپ، بۇ ئىككى خىل كۆكتاتنى بىللە قورۇپ ئىستىمال قىلغاندا، تەبىئى كەلگەن ئىچ سۈرۈش دورسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلەيدۇ؛ بۇ خىل قورىمىنى ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۈچەي يوللىرىدىكى قالدۇق ئەخلەتلەرنى ھەيدەپ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى چۈشىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئىككى خىل كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C بىلەن كاروتىن ماددىسى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى مايلارنى ئىرىتىپ يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
   كۆكمۇچ بەرەڭگە قورۇمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. ئالدى بىلەن بەرەڭگىنى ئاقلاپ پاكىز يۇغاندىن كىيىن، نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛ كۆكمۇچىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، بېغىچىنى ۋە ئىچىدىكى ئۇرۇغلىرىنى ئېلىۋىتىپ، پارچە ھالىتىدە توغراپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
    2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن غولپىياز ۋە سامساقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
    3. كەينىدىن توغراپ تەييارقىلغان بەرەڭگىنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇيمىز.
    4. تەخمىنەن بىر مىنۇت ئەتراپىدا قورىۋەتكەندىن كىيىن، ئازراق پۇرچاق بوتقىسى قوشۇپ، داۋاملىق قورۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن ئۇلاپلا توغرالغان كۆكمۇچىنى سېلىپ قورۇيمىز.
    5. ئاخىرىدا، قازان ئىچكى دىۋارىنى بويلىتىپ ئازراق سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قورۇپ سۈيى تۈگىگەندىن كىيىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
    بۇ خىل قورۇمىنى تەييارلاش ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى تاماق يىگۈڭىز كەلمىگەن ۋاقىتتا، بۇ خىل قورىمىنى تەييارلاپ يەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号