پەمىدۇرنى قورۇيمەن دىمەي بۇ ئۇسۇلدا ئسىتىمال قىلىپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19418:ئادەم ئۆگەندى
    پەمىدۇر، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، پەمىدۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دائىم پەمىدۇر ئسىتىمال قىلىپ بەرگەندە، تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بار:
   1. تىرە كىسەللىكلىرىنى ياخشىلاش
   2. ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   3. راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   4. يۇقىرى قان بېسىمنى ياخشىلاش
   5. قان ئازلىقنى ياخشىلاش
   6. يارىنى ياخشىلاش
   7. جىگەر ياللۇغىنى ياخشىلاش
   8. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   9. قىزىتما قايتۇرۇش
   10. چىش مىلىكى قاناشنى ياخشىلاش
   بىز كۈندە دىگۈدەك پەمىدۇر ئسىتىمال قىلىمىز؛ بىراق، ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پەمىدۇر ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى، پەمىدۇرنى تۇخۇم بىلەن قورۇش ياكى سۇغۇق سەي قىلىش قاتارلىقلار نەچچە خىللا بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پەمىدۇرنىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلى—پەمىدۇر دۇفۇ بوتقىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال: پەمىدۇر، دۇفۇ(پۇرچاق ئۇيۇتمىسى)، تۇخۇم
خۇرۇچ ماتىريالى: غولپىياز، سامساق، تۇز، كىراخمال، كۈنجۈت مېيى، يۇمغاقسۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. دۇفۇنى تۆت بۇرجەك پارچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ پەمىدۇرنى قوشۇش شەكلىدە بىر تىلىۋەتكەندىن كىيىن قايناقسۇغا چىلاپ ئېلىپ، پستىنى سويىۋىتىپ، كىچىك پارچە ھالەتتە توغراپ تەييارلايمىز.
   2. غولپىيازنى يانتۇ بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛سامساقنى ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ يۇمغاقسۈتنى قىسقا بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ بىر قاچىغا تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، غولپىياز بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ شەربىتىنى چىقارغاندىن كىيىن، دۇفۇنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
   4. مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن، چېقىپ قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قۇيىمىز ھەمدە بىر تەرەپتىن قۇيغاچ بىر تەرەپتىن مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. ئۈستىگە ئازراق تۇز، سۇلۇق كىراخمال، ئاز مىقداردا كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ كەينىدىن ئۈستىگە ئازراق يۇمغاقسۈت سېپىۋىتىپ قاچىغا ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش
   پەمىدۇرنى توغراشتىن ئاۋال چوقۇم قايناقسۇغا بىر بېسىۋىتىپ، پوستىنى سويىۋىتىش لازىم؛ بۇنىڭدا، تەييارلىغان بوتقىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号