پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19414:ئادەم ئۆگەندى
    ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار، قان سۇيۇقلۇقىنى توشۇشتىكى مۇھىم ۋاستە بولۇپ، ئەگەر قان تومۇرلار زەخمىگە ئۇچرىسا ياكى توسۇلۇپ قالسا، قان سويۇقلۇقى نورمال ھالدا بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارغا ئېقىپ بارالماي، بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، قان تومۇرلار، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئىككى خىل كۆكتات بار بولۇپ، بۇ ئىككى كۆكتاتنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، قاننىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ ۋە قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ ئىككى خىل كۆكتات بولسا، دەل پىياز بىلەن پىدىگەندۇر.
   پىيازنىڭ "كۆكتات خانىشى" دىگەن نامى بار بولۇپ، كۆكتاتلار ئىچىدىكى بىردىنبىر تەركىبىدە مەزى بېزى ماددىسى Aئىلمىنتى بار كۆكتاتتۇر. پىيازنىڭ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش قاتارلىق قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپلا قالماي، يەنە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، كىسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ تەبىئى دۈشمىنى ھىسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا پىيازنىڭ يەنە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك ھۈجەيرىلىرىگە قارشى تۇرۇش، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىتابولىزىمنى كۈچەيتىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار.
    پىدىگەن بولسا يازلىق كۆكتات بولۇپ، كۆپ خىل كىسەللىكلەرنىڭ ياخشىلىنىپ ئەسلىگە كىلىشىگە قارىتا ئىنتايىن زور پايدىلىق قىممىتى بار.  پىدىگەن تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ جىگەرنى ئاسراپ قاندىكى خولىستىرىننى ئازايتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئاقسىل، ياغلار ۋە يادرو كىسلاتالىرىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ھەمدە بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. بۇلاردىن باشقا، پىدىگەننىڭ قىل قان تۇمۇر دىۋارلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان تۇمۇرلارنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى قوغداش قاتارلىق رولى بار.
    پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قان تومۇرلارنى تازىلاش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.
پىياز پېدىگەن قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. ماتىريال تەييارلاش: پىدىگەن، پىياز، پەمىدۇر، تۇز، سامساق، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى.
    2. تەييارلىغان ماتىرياللارنى پاكىزە يۇيغاندىن كىيىن، پېتىگەننى قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ، قاچىدىن بىرگە سېلىپ تۇز سۈيىگە چىلاپ قويىمىز.
    3. پىيازنى ئاقلاپ ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ پەمىدۇرنى كىچىك پارچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق چانايمىز.
    4. قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئاۋال سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
    5. پېدىگەننى سۈزۈپ ئېلىپ، سىلكىپ سۈيىنى بىر چىقىرۋەتكەندىن كىيىن قازانغا سېلىپ قورۇيمىز.
    6. پېدىگەن يۇمشىغاندىن كىيىن، پىيازنى سېلىپ داۋاملىق قورۇيمىز.
    7. ئاخىرىدا پەمىدۇرنى سېلىپ، ئۈستىگە شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز.
    8. مالتىلاپ قورۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ ئازراق قاينىتىۋەتكەندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号