بېلىق تەملىك قارا قېرىنقولاق قورىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19564:ئادەم ئۆگەندى
    بېلىق تەملىك گۆش قەلەمچىسى(鱼香肉丝) قورۇمىسىنى يەپ كۆرگەن دوستلارنىڭ، بەلكىم قورۇما ماتىرياللىرىنىڭ بىرى بولغان قارا قېرىنقولاققا قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، گۆش قەلەمچىسى كەمچىل بولغان بېلىق تەملىك قارا قېرىنقولاق قورىمىسىمۇ ئالاھىدە تېتىشلىق بىر خىل قورۇما ھىسابلىنىدۇ. تۆۋەندە، بىز بىرلىكتە بۇ خىل قورۇمىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
كىتەرلىك ماتىريال
    قارا قېرىنقولاق، كەرەپشە، قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    ئىستىمال مېيى، كىراخمال، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    قارا قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ، قولىمىزدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بىر-بىرىدىن ئاجرىتىۋەتكەندىن كىيىن، بىر سائەت چىلاپ قويىمىز.
    بىر سائەتتىن كىيىن، قارا قېرىنقولاق كۆپۈپ تەييار بولىدۇ.

Step 2
   قىزىلمۇچنى يۇيۇپ پاكىزىلاپ، بېغىچىنى كىسىپ ئېلىۋىتىمىز.
   قالغان قىسمىنى ئۇششاق توغرىۋالغاندىن كىيىن، چاناپ تېخىمۇ ئۇششاق ھالەتكە ئەكىلىمىز.
   كەرەپشىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.

Step 3
   ئەمدى بېلىق تەملىك قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ بىر چىنىگە ئىككى قوشۇق سۇلۇق كىراخمال(كىراخمالنى سۇدا ئىرىتىپ تەييارلىغان سۇيۇقلۇق) قۇيىمىز.
   بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز.
   بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز.
   كىچىك قوشۇقتا بىر قوشۇق تۇز قوشقاندىن كىيىن، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپكە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.

Step 4
   قازاننى ئېسىپ سۇ قاينىتىمىز؛ سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن، چىلاپ تەييار قىلغان قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز.
   قارا قېرىنقولاق پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

Step 5
   باشقا قازاندىن بىرنى ئېسىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، توغرالغان غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
   كەينىدىن چانالغان قىزىلمۇچنى سېلىپ قورۇيمىز.
   قىزىلمۇچنىڭ يۈز قىسمىدىكى سۇ تەركىبلىرى پۈتۈنلەي تۈگەپ، قىزىل ماي چىققۇچىلىك قورۇيمىز.
   بۇ ۋاقىتتا قارا قېرىنقولاقنى قازانغا سېلىپ، مالتىلاپ قورۇپ، قارا قېرىنقولاققا قىزىلمۇچنىڭ تەمىنى سۈمۈرگۈزىمىز.
   نەچچە مالتىلىۋەتكەندىن كىيىن، كەرەپشىنى سالىمىز.
   ئالدىدا تەڭشەپ تەييار قىلغان بېلىق تەملىك قىيامنى قۇيۇپ، داۋاملىق مالتىلاپ قورۇيمىز.
   كەرەپشە يۇمشاپ پىشقىچىلىك قورىغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

Step 6
   قارا قېرىنقولاقنى  ئالدىدا سۇدا بىر قاينىتىۋالساق، كىيىنكى قورۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ؛ بۇنىڭدا تەمگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ۋاقتىڭىز چىققاندا سىناپ كۆرۈڭ، ھەقىقەتەن بەك تەملىك.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号