بەسەي پۇرچاق ئۇيۇتمىسى دۈملىمىسىنى يىسىڭىز يەنە يىگىڭىز كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19629:قېتىم كورۇلدى
    بەسەينىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان يىيىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ۋە پىنتوزا بىلەن بىللە دۈملەش بولۇپ، ئۆزى قارىماققا ئاددى بىر تائام؛ ئەمما سىز راستىنلا بۇنى تەييارلاشنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بەسەي پۇرچاق ئۇتۇيمىسى دۈملىمىسىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ ئەگەر تۆۋەندىكى نوقتىلارنى ئىگەللىۋالسىڭىز، گۆش بەرسىمۇ ئالماشتۇرمايسىز، يىگەنسىرى يىگۈڭىز كىلىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى

   ئالدى بىلەن بەسەينىڭ قاناتلىرىنى ئاجرىتىپ، ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ كەينىدىن ماي قازاننى قىزىتىپ، ئازراق قەنت ياكى شىكەر قوشۇپ قىرامغا ئايلاندۇرغاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئازراق قايناقسۇ قۇيۇپ ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.
   قازاننى قايتا ئېسىپ، زەنجىۋىل، سامساق ۋە غولپىيازلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
   پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېلىپ تەكشى داغلاپ ساغارتىمىز؛ بۇنىڭدا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قېتىپ، كىيىنكى قەدەمدە قورۇپ دۈملىگەن ۋاقىتتا ئۇۋۇلۇپ كەتمەيدۇ.
    كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ قۇيۇپ، ئالدىن چىلاپ قويغان پىنتوزىنى سالىمىز.
   توغراپ تەييار قىلغان بەسەي قەلەمچىسىنى قوشىمىز؛ مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشىمىز؛ ئالدىدا تەييارلىغان شىكەر قىيامى سۈيىنى قۇيۇپ، 10مىنۇت دۈملەيمىز.
   ئاخىرىدا بەسەينىڭ يۇپۇرماق قىسمىنى سېلىپ، يەنە بەش مىنۇت دۈملەيمىز.
   پىشىپ سۈيى قويۇلغاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号