پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19414:ئادەم ئۆگەندى
   پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، سالامەتلىك جەھەتتە نۇرغۇن پايدىلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىيازدىن بىر نەچچە خىل قورۇما تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
قىزىل تۇرۇپ پىياز تۇخۇم قورىمىسى
كىتەرلىك ماتىريال
    قىزىل تۇرۇپ، پىياز، تۇخۇم، غولپىياز، تۇز، ئاقمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. قىزىل تۇرۇپنى ئاقلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
    2. پىيازنى ئاقلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
    3. غولپىيازنى توغراپ چاناپ تەييار قىلىمىز.
    4. قاچىدىن بىرنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييار قىلىمىز.
    5. قازاننى ئېسىپ ۋە ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋال پىيازنى سېلىپ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن قىزىل تۇرۇپنى سېلىپ قورۇيمىز؛ بۇ جەرياندا ئازراق سۇ قوشىمىز ھەمدە خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشىمىز.
    6. پىيازنىڭ سۇ تەركىبى ئاساسى جەھەتتىن قورۇلۇپ تۈگەي دەپ قالغاندا، ئوتنى كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قوشىمىز.
    7. بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن، ئوتنى ئازراق ئېچىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئۆرۈپ قورىساق بولىدۇ ھەمدە قاچىغا ئۇسۇشتىن ئاۋال چانالغان غولپىيازنى ئۈستىگە سېپىۋەتسەكلا بولىدۇ.
كۆكمۇچ پىياز قورىمىسى
كىتەرلىك ماتىريال
     پىياز، كۆكمۇچ، ماي، تۇز، تېتىتقۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. كۆكمۇچنى يۇيۇپ پاكىزلاپ پارچە ھالىتىدە توغرايمىز.
    2. پىيازنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن، پىيازنىمۇ پارچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
    3. سامساقنى چەيدودا ئۇرۇپ ئىزىپ تەييارلايمىز.
    4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئالدى بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرۋالغاندىن كىيىن، پىيازنى سېلىپ قورۇيمىز.
    5. ئازراق ئۆتكەندىن كىيىن كۆكمۇچنىمۇ قوشۇپ بىللە قورۇيمىز.
    6. ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە سۇ قۇشۇپ، ئازراق قايناتساقلا تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
قېرىنقولاق پىياز قورىمىسى
كىتەرلىك ماتىريال
    قېرىنقولاق، پىياز، پۇرچاق مېيى، تۇز، كاۋاۋىچىن سوقمىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. قېرىنقولاقنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن سۇغا چىلاپ كۆپتۈرىمىز.
    2. پىيازنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
    3. قازاننى ئوچاققا ئېسىپ پۇرچاق مېيىدىن بىر چۈمۈچ قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن، پىيازنى سېلىپ قورۇيمىز ھەمد ئازراق كاۋاۋىچىن سوقمىسى قوشىۋىتىمىز.
    4. قېرىنقولاقنى قازانغا سېلىپ، پىياز بىلەن بىللە بىر مىنۇت ئەتراپىدا قورۇيمىز.
    5. يېرىم قۇشۇق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن، قازاندىكى ماتىرياللارنى قورۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号