بالىلاردا سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6807:ئادەم ئۆگەندى
    ھەر بىر ئائىلىدىكى بالا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھەر؛ ھازىر گەرچە تۇرمۇش شارائىتى كۆپ ياخشى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئاتا-ئانىلار يەنىلا ھەمىشە بالىسىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىدا كالتسىي كەمچىل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ ھەمدە كۆپىنچە سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؛ بىراق دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئىچىدە، سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلىدىغان بالىلار ئىگىلەيدىغان نسىبەت %60 كە يىتىدىكەن.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلاردا سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلسە، ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسۈتۈشتەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
    سىنىك بولسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش، مىتابولىزىم ۋە ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ؛ شۇڭا ئەگەر بالىلاردا سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، بالىلاردىكى سىنىك كەمچىل بولۇش، ئەمىلىيەتتە بىر ئىككى كۈندىلا شەكىللىنىپ قالمايدۇ؛ سىنىك كەمچىللىك بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئالامەتلىرى كۆرنەرلىك بولمايدۇ؛ ئەگەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىنىك كەمچىللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ بالىلاردىكى سىنىك كەمچىللىكنىڭ ئېغىر دەرىجىگە يىتىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئۇنداقتا سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟
1. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق تاللايدىغان بولۇپ قېلىش
    تاماق يىگۈسى كەلمەسلىك، تاماق تاللاش، تاماق يىيىش مىقدارى ئازلاپ كىتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق يىيىشنى تەلەپ قىلماسلىق قاتارلىقلار، سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ.
2. ئۇچرىغان نەرسە-كىرەكلەرنى چىشلەيدىغان ياكى غاجىلايدىغان بولۇپ قېلىش
   بالىلاردا ئېغىر دەرىجىدە سىنىك كەمچىل بولۇش كۆرۈلگەندە، ئۇلاردا يەنە غەيرى نەرسە-كىرەكلەرنى چىشلەپ غاجايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ مەسىلەن، ئويۇنچۇقنى چىشلەپ غاجاش، ئۆزىنىڭ تىرنىقىنى چىشلەپ يىيىش، كىيىملەرنى چىشلەش قاتارلىقلار، بەزىلەردە ھەتتا توپا داڭگال يەيدىغان، قەغەز يەيدىغان غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
3. ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئاستىلايدۇ
    ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا، بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق جەھەتتە ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۆلچەمگىمۇ يىتەلمەيدۇ.
4. ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ
   سىنىك كەمچىل بولۇش، بالىلارنىڭ ئىممونت سېستىمىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرستىدىغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلاردا ھەمىشە زۇكام بولۇپ قىزىپ قالىدىغان، نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
5. ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشى كەينىدە قالىدۇ
    سىنىك كەمچىل بولغاندا، چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرى ئازلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ دىققىتىنى يېغالماسلىق، كۆپ مىدىرلاش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئۆگىنىش ئىقتدارى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. چاچلىرىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ
    سىنىك كەمچىل بالىلاردا چېچى شالاڭشىپ سارغىتىپ قېلىش ۋە تىرناقلىرىغا ئاق داغ چۈشۈش، جاھىل خارەكتىرلىك ھۆل تەمرەتكە، تىرە تەمرەتكىسى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
    سىنىك كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى، يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ ئاز بولمىغان بالىلاردىكى سىنىك كەمچىللىك دەسلەپكى مەزگىللەردە ۋاقتىدا بايقالمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا، قايتۇرۋىلىشقا بولمايدىغان يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك سىنىك كەمچىل بولۇش، بالىلاردا "سىنىك كەمچىللىكتىن كىلىپ چىققان بويى پاكارلىق"، ئەقلى ئىقتىدارىدا توسالغۇ كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号