ھازىرقى جەمئىيەت بارغانسىرى ئۇچۇق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزىبىر توي قىلمىغان ئوغۇل قىزلار، توي قىلماي تۇرۇپ بىرگە ئۆتۈشنى تاللاپ، قىز بالىنىڭ ئىھتىياتسىزلىقتىن ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بىراق ئۇلار بۇ ئەھۋالغا ئۇنچە بەك ئىرەنشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ھامىلدار بولۇپ قالسام ئالدۇرۋەتسەملا بولمىدىمۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەر تەرەپ بۇنداق ئويلىسا، ئۇ بىر مەسئۇلىيەتسىز ئەر ھىسابلىنىدۇ؛ ئەگەر ئايال تەرەپمۇ مۇشۇنداق ئويلىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاياللار كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدىكەن
ئاياللار كىسەللىكى دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالا ئالدۇرۇش، بالىياتقۇغا ئىنتايىن زىيانلىق بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر قىرىپ تازىلاش جەريانى مۇتلەق دەل جايىدا بولمىغاندا، بالىياتقۇغا باكتىرىيە كىرىپ كىتىش پۇرسىتى ئېشىپ كىتىپ، بەزىبىر ياللۇغلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ ئېغىرراق بولغاندا، ئاياللاردا بەل ئاغرىش، ئاق خۇن كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.
كىيىنكى قېتىم ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، بالا چۈشۈپ كىتىش ۋە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋپى ئېشىپ كىتىدىكەن
بالا ئالدۇرۋەتكەندە، بالىياتقۇ پەردىسى زەخمىگە ئۇچراپ نىپىزلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كىيىنكى قېتىم ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىكى بالا چۈشۈپ كىتىش ۋە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۋىتىدىكەن. شۇڭا، تۇنجى ھامىيلىنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولغاندا، ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈشى كىرەك ئىكەن.

بالا چۈشۈرگەندىن كىيىنكى قىسقا مەزگىل ئىچىدە قايتا ھامىلدار بولالمايدىكەن
ئاياللار بالا ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ھامىلدار بولالمايدۇ، ياكى تۇغماس بولۇپ قالىدۇ؛ تۇغماس بولۇپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى گەرچە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭدىن، بالا ئالدۇرۇشنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە قانچىلىك ئېغىر زىيان ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتىشكە بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بالا ئالدۇرۇش، بالا تۇغۇشقا ئوخشاش بولۇپ، بالا ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن، يىڭى تۇغۇتلۇق ۋاقىتتا كۈتۈنگەنگە ئوخشاش، بىر مەزگىل ياخشى ئارام ئېلىپ كۈتۈنۈشكە توغرا كىلىدۇ؛ بولۇپمۇ تېخىمۇ توي قىلمىغان قىزلار بۇ نوقتىغا سەل قارىماسلىقى كىرەك.

ئاياللاردا پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن
بەزى ئاياللارنىڭ ئەسلىدە بالىنى چۈشۈرۋىتىش نىيىتى يوق، بولۇپمۇ ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولالماسلىق سەۋەپلىك بالىنى ئالدۇرۋىتىشنى قارار قىلغان ئاياللار تېىىمۇ شۇنداق. ئەمىلىيەتتە، ئۇلار كۆڭلىدە بالىنى چۈشۈرۋىتىشكە قىيالمايدۇ؛ چۈنكى ھەرنىمە دىگەن بىلەن، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسى. بالىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كىيىن، ئۇلار خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە، بالىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن كىلىپ چىققان پىسخىكلىق توسالغۇدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ.