ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇش تەكلىۋىنى بىرىدۇ. ئادەتتە، دوختۇرلار ھامىلدار ئايالغا ئەڭ تەۋسىيە قىلىدىغان ھەرىكەت تۈرىنىڭ بىرى سۇ ئۈزۈش بولۇپ، بولۇپمۇ بەدەن ئېغىرلىقى نىسبەتەن ئېغىر، تىز قىسىمى ئۇچرايدىغان بېسىم بىر قەدەر چوڭ بولغان ھامىلدار ئاياللارغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلدە سۇ ئۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
    ھامىلدار ئاياللار سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا پۈتۈنلەي بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچى سەۋەپلىك، ھامىلدار ئايلنىڭ بەل قىسىم ۋە دۈمبە قىسىم مۇسكۇللىرى بوشىشىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەرىكەتلىنىش جەريانىدىكى يۈكىنى يىنىكلىتەلەيدۇ.
    سۇ ئۈزۈش، ھامىيلىنىڭ ھامىلدار ئايالنىڭ تۈز ئۈچىيىگە چۈشۈرگەن بېسىمىنى يىنىكلىتىپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.
    بۇلاردىن باشقا، سۇ ئۈزۈش، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆپكە ھاۋا سىغىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
   سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتى شۇغۇللىنىش جەريانىدا، كۆپچىلىك ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، سۇ ئۈزۈشنىڭ ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئايالغا يامان تەسىرى يوق؛ كۆپچىلىكنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بولسا سۇنىڭ سۈپىتى مەسلىسىدۇر.
سۇ ئۈزۈش جەريانىدا بالىياتقۇغا سۇ كىرىپ كىتەمدۇ؟
    سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سۈيى جىنسىي يولغا كىرىپ كىتىشى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىز بالىياتقۇغا كىرىپ كەتمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنىڭ جىنسىي يولغا كىرىپ كىتىشىمۇ ئاسانغا توختىمايدىغان بىر ئىش؛ چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي يولى ئادەتتە ھىم ئىتىلگەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ پاكىزىلاپ تازىلاش ئىقتىدارى بار. شۇڭا، ئادەتتە ھامىلدار ئايالنىڭ تېنى ساغلام بولسىلا، بۇنچىلىك سۇ ھېچقانچە گەپ ئەمەس.
ھامىلدار ئاياللار سۇ ئۈزگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
    1. ئالدى بىلەن ئادەم كۆپ بولۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ھامىلدار ئاياللار، ئەگەر مۇمكىن بولسا ھامىلدار ئاياللار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىنى تاللىسا بولىدۇ. چۈنكى، ھەممىلا ئادەمنىڭ ھامىلدار ئايالغا يول قويىدىغان بولۇشى ناتايىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تاساددىبىي ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشنى ئويلاشماي بولمايدۇ.
    2. سۈ ئۈزۈش ھەرىكەت مىقدارى لايىقىدا بولۇش كىرەك. بەزىدە سۇ ئىچىدە ئادەم ھارغاندەك ھىس قىلمايدۇ، ئەمما سۇدىن قىرغاققا چىققاندىن كىيىن بىئاراملىق ھىس قىلىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ۋاقىتنى بىر سائەت ئىچىدە كونتىرول قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
    3. سۇ ئۈزۈشتىن ئىلگىرى سۇ تەركىبى تۇلۇقلاشنى ئۇنۇتماسلىق، ئورۇنلىماق قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەسلىك لازىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇ ئاستىغا شۈڭغۇپ كىرىشكىمۇ بولمايدۇ.
    4. ئەگەر بالا چۈشۈپ كىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ياكى بىئاراملىق ھىس قىلغان بولسا، يەنىلا ئەڭ ياخشىسى تىنچ يېتىپ ئارام ئالغان ياخشى.
    5. سۇ ئۈزۈشكە بارغاندا، ئۆزى يالغۇز بارماسلىقى، چوقۇم ئۆيىدىكىلەردىن بىرەرسى بىللە ھەمرا بولۇپ بېرىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号