ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5751:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن كۆپىيىپ، قوساقنىڭ ئاستى تەرپىدىن يۇقىرغا قاراپ كۆپىيىدۇ؛ دەسلىۋىدە قىزىل پەيدا بلىدۇ، ئاخىرىدا قەھۋە رەڭگە ئۆزگىرىپ، پۈتۈن قوساقنى قاپلايدۇ ھەمدە قوساق قىسىمنى كۈرۈمسىزلەشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرىنى تاۋۇزنىڭ سىرتقى قىسمىغا ئوخشىتىدۇ.
    ئەلۋەتتە، بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرى نىسبەتەن يىنىك بولۇپ، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە ئاندىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؛ بىراق، بەزى ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدىلا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ئاياللار ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، ئۇلارنىڭ قوسىقىغا قارىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كىتىدۇ. ئەمما، ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرىمۇ ئادەم تاللايدىغان بولۇپ، بەزى ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلمەيدۇ، يەنە بەزى ھامىلدار ئاياللاردا بولسا كۆپىيىپ ئاينىپ كىتىدۇ. بۇنىمە ئۈچۈن؟ زادى نىمىشقا بۇنداق چوڭ پەرق كۆرۈنىدۇ؟
ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى قانداق شەكىللىنىدۇ؟
   ئادەمنىڭ تىرىسىنىڭ بەلگىلىك ئىلاستىكىلىقى بار بولسىمۇ، ئەمما تارتىشىپ بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ؛ ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئەمىلىيەتتە تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىق تالاسى ۋە كوللاگىنلىق تالاسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى ياكى ئۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى قايسى قىسىمنىڭ ئۆسۈشى تىز، قايسى قىسىمغا چۈشكەن ئېغىرلىق كۆپ بولسا، شۇ جايدا ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ ھامىلدارلىق داغلىرى تىرە رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بوللمىغان رەڭلەردە كۆرىلىدۇ، كەڭ-تارلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى ئاق ياكى كۈمۈش رەڭگىدە قوساق قىسىمدا ساقلىنىپ قېلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىپ يوقاپ كەتمەيدۇ.
باش سۈيى بەك كۆپ بولغان ھامىلدار ئاياللار
   ھامىلدار ئايالنىڭ باش سۈيى كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ قوسىقى تېخىمۇ چوڭ كۆرىنىدۇ؛ باش سۈيىنىڭ ئېغىرلىقىغا ھامىيلىنىڭ ئېغىرلىقى قوشۇلۇپ، ئاجىز كەلگەن قوساق تىرىسى بېسىم تەرپىدىن ئاستا-ئاستا چىڭقىلىپ چوڭىيىپ، بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋاقىتتا، تىرە تالالىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، چۈرۈكلىكى يۇقىرىلايدۇ ھەمدە تىرە ئاستى قىل قان تۇمۇرلىرى ۋە ۋىنرا قان تۇمۇر دىۋارى نىپىزلەپ ھەم كېڭىيىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
قوشكىزەك ياكى كۆپكىزەك ھامىلدار بولغان ئاياللار
   ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرىنىڭ شەكىللىنىش پىرىنسىپى ئاساسى جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. بەزىلەر ئىرسىيەت ئامىلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ دەيدىكەن، مەسىلەن، ئانىدا ھامىلدارلىق قورۇقچىسى كۆرۈلسە، قىزى ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىمۇ كۆپىنچە ھامىلدارلىق قورۇقچىسى كۆرىلىدۇ؛ بىراق، بۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. بىردىنبىر جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، قوشكىزەك ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى كۆرىلىدۇ؛ بۇ بەلكىم، ئۇلارنىڭ قوسىقى ئۇچرايدىغان بېسىم، ئادەتتىكى ھامىلدار ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ چوڭ بولغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ھامىيلە نىسبەتەن چوڭ يىتىلگەن ھامىلدار ئاياللار
   يەنە بىر خىل ھامىلدار ئاياللار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمىكى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئېغىر ھامىيلىگە باش سۈيىنىڭ ئېغىرلىقى قوشۇلسا، تىرە بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىيلە نورمال ئېغىرلىقتا يىتىلسە، تۇغۇت ئاسان بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىشقا بولىدۇ.
قىسقا مەزگىل ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى تىز سۈرئەتتە ئېشىپ كەتكەن ھامىلدار ئاياللار
   بۇ خىل ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلاردا ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى كۆرۈلۈشىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىزدەپ تاپقان بولىدۇ؛ سەۋەبى بولسا، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشتا مەسىلە كۆرۈلۈپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەدەن  ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى زىيادە تىز بولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ تىرىسى بۇ خىل ئەھۋالغا بەرداشلىق بىرەلمەي، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قورۇقچە پەيدا بولىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى كونتىرول قىلىش ياكى تىرە ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. بۇندىن باشقا، كوللاگىنلىق ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号