بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   سەككىز توققۇز ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك؟ قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇش ئاسانراق بولىدۇ. بوۋاقلارغا بىرىنچى قېتىم قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزگەندىن باشلاپ، ئىككى ئايلىق قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىك، قوشۇق ۋە تاماق يىگۈزىدىغان چوڭلار بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق، ئادەتتە بۇلماق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرنى ئوڭۇشلۇق يىيەلەيدىغان بولىدۇ.
   ئاتا-ئانىلار، ئەگەر باشلىنىشتىكى ئىككى ئايدا، بوۋىقىغا توغرا ئۇسۇلدا كۆپ خىل قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزگەن بولسا، بوۋاقنىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ تاماق تىزىملىكىمۇ موللىشىشقا باشلايدۇ.
   بۇ مەزگىلدە بەزىبىر يىڭى مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ: مەسىلەن، بوۋاق قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا، ئاتا-ئانىلار كونتىرول قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەي، سۈت ئىمىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىشى مۇمكىن؛ بوۋاق تاماق تاللاشنى ئۆگىنىپ، ئېغىزىغا تېتىمىغىنىنى قەتئى يىگىلى ئۇنىماسلىق قاتارلىقلار. يەنە بەزى بوۋاقلاردا، ھەتتا يىمەكلىكتىن زىرىكىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۋىتىدۇ.
   سۈت ئىمىش ۋە قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈش ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك؟
   سۈتنى قايسى ۋاقىتتا ئىمىتىش ياكى نەچچە قېتىم ئىمىتىش مۇھىم ئەمەس، بىز ئومۇمى مىقدارنى ياخشى كونتىرول قىلساقلا بولىدۇ. 12-6ئايلىقتىكى بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك سۈت ئىمىش مىقدارى 600مىللىلىتىردىن (ئانا سۈتى، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى، قېتىق، پىشلاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەم بولماسلىقى كىرەك. بوۋاقلارنىڭ تاماق مىقدارىدا  پەرق بولىدۇ، شۇڭا مىقدار يىتەرلىكمۇ ئەمەس تۆۋەندىكى گىرافىكتىن پايدىلانساق بولىدۇ.
   بوۋاق ئەگەر سۈت ئىمىشكە ئامراق بولسا، ئۇنداقتا ئاۋال قوشۇمچە يىمەكلىكنى يىگۈزۈش، ئەگەر قوشۇمچە يىمەكلىككە ئامراق بولسا، ئاۋال سۈت ئەمگۈزۈش كىرەك. كۈندۈزى سۈت ئەمگىلى ئۇنىمايدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا ياكى ئۇخلاپ ئويغانغان ۋاقتىدا كۆپرەك ئىمىتسەك بولىدۇ. قوشۇمچە يىمەكلىكنى ياقتۇرمايدىغان بوۋاقلارغا قارىتا، ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ، ياكى رەڭگى جەھەتتە باش قاتۇرۇپ يىگۈزسەك بولىدۇ؛ قىسقىسى، ئەڭ چوڭ ۋەزىپە، بالىغا يىگۈزۈشتۇر.
   قوشۇمچە يىمەكلىك كۈندە نەچچە ۋاخ بولسا مۇۋاپىق؟
   دۆلىتىمىز ئاھالىلەر يىمەكلىك كۆرسەتمىسىدە بىرىلگەن تەكلىپكە ئاساسلانغاندا، 8ئايلىققا توشقان بوۋاقلارغا كۈندە ئىككى ۋاخ قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈش، 9ئايلىققا توشقان بوۋاقلارغا بولسا ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يىگۈزۈش كىرەك؛ ئىككى قېتىملىق غىزا ئارىسىدا تاتلىق تۈرۈم يىگۈزسەك بولىدۇ.

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号