بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ساغلام يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. بىراق، ھەرقانداق خىلدىكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسىلا بوۋاقلارغا ماس كىلىۋەرمەيدۇ، شۇڭا ئادەتتە بوۋاققا يىگۈزۈشكە بېلىق تاللىغان ۋاقىتتا، بېلىقنىڭ ياشىغان دېڭىز رايونى، كىلىش مەنبەسى، قىلتىرىقى ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىنى ئويلاشماي بولمايدۇ.
   كىشىلەر ھەمىشە، دائىم بېلىق گۆشى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئادەم ئەقىللىق بولىدۇ دىيىشىدىكەن، بۇ راستمۇ؟
   ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. چۈنكى، بېلىق تەركىبىدە DHAماددىسى مول بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ئادەتتە "مىڭە ئالتۇنى" دىگەن نامى بار؛ DHA بولسا، ئادەم بەدىنىدە ئاساسلىقى چوڭ مىڭە، كۆرۈش تور پەردىسى ۋە نىرىپلار ئىچىدە ساقلىنىدۇ.
   DHAماددىسى، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدىغان بولۇپ، بوۋاقلار بۇ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىسىغا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق؛ چۈنكى، DHAماددىسى بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلام يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇندىن باشقا، DHAماددىسىنىڭ ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ زور پايدىسى بار بولۇپ، مىڭە ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھالقىلىق ئىلمىنت، شۇنداقلا نىرۋا سېستىمىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا. شۇنىڭ ئۈچۈن، DHAماددىسىنىڭ چوڭ مىڭە، نىرۋا سېستىمىسى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور.
   گەرچە DHAماددىسىنىڭ مىڭە ئىقتىدارى ۋە ئەقلى ئىقتىدارنىڭ يىتىلىشىگە بەلگىلىك پايدىلىق رولى بار بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىۋىتەلىشى ناتايىن؛ بۇ يەردە جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىغىنى، بېلىق گۆشىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ ۋە بەدىنىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
   بۇندىن باشقا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى، بېلىق ئىستىمال قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما قوبۇل قىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ھەدىسىلا بالىغا بېلىق گۆشى يىگۈزىۋىرىشكىمۇ بولمايدۇ؛ ئادەتتە، ھەپتىدە بىر قېتىم بېلىق گۆشى يىگۈزسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号