بىز نىمە ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولىمىز؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6865:قېتىم كورۇلدى

    تۈنۈگۈن بىر ئابزاس تىكىست كۆرۈپ قالدىم، گەرچە نەچچە قۇرلا بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر سۆزلىرى ئادەمنىڭ قەلىپ تارىنى چەككۈدەك سۆزلەردىن بولۇپ، قەلبىمگە بىر خىل ئىللىقلىق يۈگۈرتتى:
    ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، سىز نىمە ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولىسىز؟ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى قېرىغىنىڭىزدا باقىدا ئادەم بار بولسۇن دەپمۇ؟
    كىتاپتا ناھايىتى تەسىرلىك بىر جاۋاپنى كۆردۈم---"مىنىڭ بالام ماڭا يۈز-ئابروي تېپىپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ، مەن ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە مەن قېرىغاندا مىنى بېقىشى تېخىمۇ ھاجەتسىز؛ مىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشۇم، پەقەت بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈندۇر. مەن پەقەت بۇ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى، ئۇنىڭ گۈزەللىككە تولغان بۇ دۇنيانى بىر كۆرىۋىلىشىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك ۋاقىت بىر دۇنيادا ياشاشنىلا ئۈمىد قىلىمەن."
     نىمە دىگەن پاساھەتلىك جاۋاپ!
    شۇنداق، بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى جەريانىغا قاتنىشىش.
    بىر تال ئۇرۇق مىنىڭ قورسىقىمدا بىخلىنىپ، تەدرىجى چوڭ بولۇۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭ ئاز-تولا ماغدۇرغا ئىگە بولغان كىچىك پۇت-قوللىرىدا قورسىقىمنىڭ ئىچىدە ئۇيەر بۇيەرگە ئۇرۇپ تېپىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن....
    ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ قورسىقىمدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
    بىر ھاياتلىق ئۆسۈۋاتىدۇ، شۇنداق، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش ئىقتىدارى بار.
   ھەر كۈنى كەچلىكى زاكا ئالماشتۇرۇش، ئىمىتىش، ئاغرىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرمۇ ئىسىمدە؛ ئۇنداقتا جاپالىق ھىس قىلغاندىمەنمۇ؟ ياق!  ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بىزنىڭ ئىسىمىزدىن چىقمايدىغىنى، ئۇنىڭ سىزگە قاراپ تۇنجى كۈلۈمسىرىشى، ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ، "ئانا" دەپ تىلى چىقىشى، ئۇنىڭ تۇنجى چىققان سۈت چىشى، ئۇنىڭ باسقان تۇنجى قەدىمى....
     ئۇ يەسلىگە كىردى، باشلانغۇچ مەكتەپكە باردى، ئۇ بىر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى....
    مەن تەلەيلىكىمدىن ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلەك كەچمىشىگە ۋە ھەر بىر بۆلەك ھىس-تۇيغۇ ئۆزگىرىشلىرىگە قاتناشتىم. بۇ جەرياندا خوشاللىقمۇ بولدى، يېغىلارمۇ كەم بولمىدى.
     تەقدىر بالىلارنى بىزنىڭ ئاتا-ئانا بۇ رولىنى ۋە ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىمىز ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولىدۇ. ئۇ بىزگە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئىنىق كۆرسەتتى، ئۆزىمىزنىڭ نىمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقىمىزنى، نىمىنى سۆيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردى.
    ئەگەر بىز ئىزچىل تۈردە سىرتتىن ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى ئىزدىسەك، ئۇنداقتا بىز بالىمىزنى بىزنىڭ ياراتقان "نەتىجىمىز" قاتارىدا ھەم ئۆزىمىزنىڭ "ئابرويى" قاتارىدا كۆرىۋالىمىز....بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، چىرايلىق بولۇشىغا ۋە نەتجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغىلا يول قويىمىز، چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا يۈزۈمىز يۇرۇق بولىدىغاندەك، ياشىغىنىمىزنىڭ قىممىتى بار بولغاندەك ھىس قىلىمىز. ئەمما بالىلار بىز "كونتىرول قىلىشقا" بولىدىغان كىلەمدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا سۆيىمىز، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى قوبۇل قىلالمايمىز؛ بىراق بىز بالىلارنىڭ ئەسلىدىنلا مۇكەممەل كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ يىتەلمەيمىز.
    لىكىن، بىزمۇ پەقەت ئۇنىڭغا بىر مەزگىللىك ھەمرا بولالايمىز...
    ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بار بولغان ۋە ئۇنىڭمۇ بالىسى بار بولغاندىن كىيىن، بىز يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزاسى بولۇپ تۇرالمايمىز، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولىدۇ.
    ئەمما بالا مەيلى قەيەردە بولمىسۇن، ئۇ مەڭگۈ بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدىغان بىر ئەزاسى بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا كۆڭلىڭىز بىئارام بولدىمۇ؟
    بىزنىڭ ھەمرا بولالايدىغىنىمىز پەقەت مۇشۇ 20 نەچچە يىللا ۋاقىت، بىز نىمىشقا پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشلىتىپ، بارلىق مىھرى-مۇھەببىتىمىزنى سەرپ قىلىپ ئۇلارغا ھەمرا بولمايمىز؟
     ئىلگىرى بىر ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىگە مۇنۇلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن:
    قىزىم تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىقىپ قالدى، يەنە بىر يىل ئۆتسە ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان گەپ، بىر ھەپتىدە بىرلا قېتىم ئۆيگە قايتىپ كىلەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەن ھەركۈنى چۈشتىن كىيىن، ئىشىك قوڭغىرىقىنىڭ چېلىنىشىنى  ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم؛ چۈنكى پەقەت بىر يىللا ۋاقىت قالغان ئىدى، ئۇندىن كىيىن ھەركۈنلۈك ئارزۇ ھەپتىلىك ئارزۇغا ئۆزگىرىپ كىتەتتى. شۇڭا ھازىرقى ۋاقىتنى قەدىرلىمەك لازىم، بالا بىلەن بىرگە بولىدىغان ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر سىكونتنى قەدىرلىشىم كىرەك؛ ئۇ بەلكىم كەپسىزلىك قىلىشى، گەپ ياندۇرۇشى ياكى گېپىمنى ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن... ئەمما ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئۇ قېشىمدا بار، بىرگە بولىدىغان كۈنلەر ھامىنى ياخشىراق ھىسابلىنىدۇ.
     بىز نىمە ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولىمىز؟
    بىز باشقا ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىزنىڭ بالىمىز بولۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ؛ بىزگە ئۇنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئۇرۇغلىرىنى چاچىدىغان پۇرسەت بار بولغىنىغا، مىنىڭ بىر ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىنىڭ گۇۋاھچىسى بولالىغىنىمغا، تەلىيىم كىلىپ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولالىغىنىمغا مىڭلاپ رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە قانداق ئارمانلار بولسۇن؟
    بىز بالىلاردىن نارازى بولغان ۋاقتىمىزدا، ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، يۈز بەرگەن ھەممە ئىش، چوقۇم يۈز بىرىشكە تىگىشلىك ئىش بولىدۇ؛ ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىنىق كۆرۈپ يىتىشىمىزگە ۋە ئىچكى دۇنيارىمىزنى كۆزىتىشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ. بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر مېڭىشقا بولىدىغان يول، ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش بولۇپ، بىزنىڭ قەلبىمىز بىلىم ۋە كۈچكە تولغان ۋاقىتتا، قەلبىمىزدىكى بوشلۇق كۈچىيىدۇ بالىلارمۇ تەبىئى ھالدا بىزنىڭ تەسىرىمىزگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ ماس كىلىدىغان ھاياتلىق يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
     بالىنىڭ ماڭا مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىق، غەم-ئەندىشە، ھەتتا ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كىلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن مەيلى قانچىلىك ئۇيقۇنى ئاز ئۇخلىغان، قانچىلىك ۋاقىت، پۇل ۋە زىھنىمنى سەرپ قىلغان بولاي، مەن يەنىلا مەردلىك ھالىتىمنى ساقلايمەن، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ. بالا يېنىمدا بار بولغان ھەر بىر كۈندە، مەن گۈزەل ھەم خوشال كەلگەن كەيپىياتقا تولۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشىمەن، ھەمدە بىرگە بولغاندىكى بەخىتنى ھىس قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号