بۇنداق ئائىلىلەردە تۇغۇلغان بالا ئاسان ئاغرىپ قالمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7630:ئادەم ئۆگەندى
    كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بالىسىنىڭ كىسەل بولۇپ ئاغرىپ قېلىشىدۇر. چۈنكى بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلار تاسادىبى ئاغرىپ قالسا، ھەمىشە روھى چۈشكۈن ۋە يىغلاش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقىمۇ ئامالسىز قالىدۇ.
    نۇرغۇن بالىلارنىڭ كىسەل بولۇپ ئاغرىپ قېلىشىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ كىسەل بولۇپ قېلىشنىڭ مەلۇم سەۋەپلىرى بار بولىدۇ؛ گەرچە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ناھايىتى ئەتراپلىق ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا نەچچە كۈندە دىگۈدەك بىرەر قېتىم دوختۇرخانىغا قاتراشتىن خالى بولالمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بەزىبىر كەسپى بولمىغان خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى تۆت خىل ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار ئاسانلىقچە كىسەل بولۇپ ئاغرىپ قالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
1. تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىك بولغان ئائىلە
     تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ئادىتى، تەن ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل؛ بىراق ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، تۇرمۇش رېتىمى بىر قەدەر تىز بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كىچىلىرى ۋاقتىدا ئۇخلىمايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالىدۇ ھەمدە تەدرىجى ھالدا بۇ ئادەتنى بالىسىغا يۇقتۇرىدۇ. بىراق بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقا بۇلۇشى ھەقىقەتەن بەك مۇھىم؛ ئەگەر بالىلار كەچ سائەت 10:30 دىن بۇرۇن كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ بولالمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىك بولغان بالىلارنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاغرىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ تەبىئىلا ئاز بولىدۇ.
2. مايسىز، تۇزسىز يىمەكلىكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىغان
    ئائىلەگەرچە كۆپ قىسىم كىشىلەر يىمەكلىكنىڭ تەمىگە ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇزلۇق ۋە مايلىق تاماق يەيدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالماسلىققىمۇ دىققەت قىلماق كىرەك. ئادەتتە بىز تاماق ئەتكەن ۋاقتىدا، بەزىدە تۇزنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ قارىماققا بالىلارغا تەسىرى يوقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە بولسا تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ تەم سىزىش ئەزالىرى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، تاماقنىڭ تۇزى كەمچىل بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۇلار يەنىلا يىمەكلىكنىڭ ئەسلىدىكى تەمىنى تېتىيالايدۇ؛ بىراق زىيادە تۇزلۇق يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ بۆرىكىگە ياكى تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، نىسبەتەن تۇزسىز ۋە مايسىز يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارمۇ ئادەتتە نىسبەتەن ساغلام كىلىدۇ.
3. ئىلغار بالا تەربىيەلەش بىلىملىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئائىلە
    يەنە بىر خىل ئائىلىدىكى بالىلارمۇ ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالمايدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، ئىدىيە-قاراشلىرى نىسبەتەن ئۇچۇق، ھەمدە بەزىبىر ئىلغار بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالايدىغان ئائىلىلەر. چۈنكى ھازىرقى جەمئىيىتىمىز ئېچىۋىتىلگەن جەمئىيەت بولۇپ، ئىلگىرىكى فىئوداللىق قالاق جەمئىيەتنىڭ تەسىرىلىرى كىتىپ بولالمىغان ۋاقىتقا ئوخشىمايدۇ؛ شۇڭا ھازىرقى يىڭى زامان ياشلىرىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار يىڭىچە بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى تىز سۈرئەتتە تېپىپ چىقالايدىغان ۋە قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، ئىلمى ئۇسۇلدا بالا بېقىش ۋە تەربىيەلەشنى بىلىدۇ؛ بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭمۇ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك كىلىدىغان بولۇپ، ئاسانلىقچە كىسەل ئازابىغا ئۇچرىمايدۇ.
4. سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلە
    ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ماددى جەھەتتىكى تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشنى قوغلىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ياش ئەر-خوتۇنلار ھەر ھەپتە ئاخىرلىرىدا ياكى بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بالىسىنى ئېلىپ سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق تۇرمۇش ئادىتىنى بەزى چوڭلار توغرا چۈشىنەلمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك كىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىش جەريانىدا، بالىلارغا زۈرۈر بولغان ھەرىكەت مىقدارى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە قۇياش نۇرىغا قاقلىنىشىمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئامىللاردۇر.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号