ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشى توغرىمۇ خاتا؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8525:قېتىم كورۇلدى
    بالىلارنى قانداق باشقۇرغاندا ياكى قايسى ئۇسۇلدا تەربىيىلىگەندە، ئۇلار ئاندىن كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالايدۇ؟ بۇ سۇئالغا نىسبەتەن ئەجدادلىرىمىز ئاللىبۇرۇنلا، "بالىنى ئۇرمىسا ئادەم بولماس" دىگەندىن ئىبارەت بىر خىل تۇنۇشنى يەكۈنلەپ چىققان؛ بىراق بۇ خىل ئۇسۇل راستىنلا ھەممە بالىلارغا ماس كىلەمدۇ؟ ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەلەشتە قاتتىق قول بولۇپ، چىڭ باشقۇرۇش كىرەك؟ تۆۋەندە بىز كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى بولغان، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، قولىغا پىچاق ئېلىپ، پىچاقنى ئانىسىغا سانجىغان بۇ ۋەقەلىكنى ئاڭلىسىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئاز تولا جاۋاپ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

    بۇ تېخى 2 كۈننىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش. بۇ ۋەقەلىك ئاڭلىماققا قولىقىڭىزغا تۇنۇشتەك بىلىنىۋاتامدۇ؟ نەچچە كۈن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش بولغاندەك قىلغان؛ باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۆز ئانىسى، پىچاق... ناھايىتى ئاددى كەلگەن بىر نەچچە سۆز ئىبارىلەر، ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بىر رىئاللىقنى تەشكىل قىلغان.
    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بۇ ئوقۇغۇچى، كىچىكىدىن باشلاپ بىرەر قېتىممۇ ئىللىق مۇئامىلىگە ئۇچراپ باقمىغان بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئىنتايىن چىڭ باشقۇراتتى، ئازراقلا گەپ ئاڭلىماي قالسا ئۇنى ئۇرۇپ دۈشكەللەيتتى. بىراق ئانىسى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولغىيتتى بەلكىم، ئانىنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرىكى ئاخىرقى قېتىملىق بالىسىنى ئۇرۇشى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىنىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە غۇنچىسى ئېچىلماي تۇرۇپ توزىغان گۈلدىن بىرنى بۇ دۇنيادا قالدۇردى. بۇ بالا قورقۇنچلۇقمىكەن؟ ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق، لىكىن ئانىسىچۇ؟
    بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كونكىرتنى نەتىجىسى تېخى چىقمىدى؛ بىراق مەكتەپ تەرەپتىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن نورمال بولۇپ، ھېچقانداق غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بالا ۋە ئانىنى بۇنداق ئاقىۋەتكە قويغان زادى نىمە؟ نورمالنى ئەھۋال ئاستىدا، 6-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ياش مەزگىلى دەل ئانىسىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، ئانىسىنىڭ يېنىدىن كەتمەيدىغان مەزگىلى بولۇپ، بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ قېتىملىق ۋەقەلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئانىنىڭ بالىسىنى زىيادە چىڭ باشقۇرغانلىقى ئىدى.
    بۇنداق تىراگىدىيەنىڭ يۈز بىرىشى زادى كىمنىڭ خاتالىقى؟ بالىلىرىمىزنى راستىنلا ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەستىنلا چىڭ باشقۇرۇپ، ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش كىرەكمۇ؟ بىز بۇنداق بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەكمۇ يوق؟ بۇ مەسىلىلەر ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشغا ئەرزىيدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号