ئوغلى بار ئانىلار بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8022:قېتىم كورۇلدى
   دۆلىتىمىزدە، كىشىلەر جىنسىيەت ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن خىجىل بولىدۇ، بۇلۇپمۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ ھەم شۇنداق؛ ئەمما بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، جىنسىي تەربىيەنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەپلىك بالىلارغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان مىساللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
    مىنىڭ بىر دوستۇم ناھايىتى ئۇچۇق-يۇرۇق ھەم ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئانا بولۇپ، ئۇ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغاندىن باشلاپ، پۈتۈن زىھنىنى ئوغلىغا سەرپ قىلىپ، ئوغلى بارغانسىرى چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوغلى بىلەن بوۋاق ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش يېقىن ئۆتەتتى. مىنىڭ ئۇ دۇستۇمنىڭ ئوغلى 10 ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، دوستۇم بىلەن بىللە ئۇخلايدىغان بولۇپ، باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىغا چىققان ۋاقىتتا ئاندىن ئامالسىز ئايرىم يېتىپ ئۇخلايدىغان بولغان. بۇندىن باشقا مىنىڭ ئۇ دوستۇم ئادەتتە كىيىم ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىمۇ ئوغلىدىن قاچۇرمايدىغان بولۇپ، ئانا بىلەن ئوغۇل ئىككىسىنىڭ بۇنداق يېقىن ئۆتىشى ئون نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان ئوغۇلنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئانىسىدىن ئايرىلالماسلىق پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويغان ھەمدە مۇستەقىللىق ئىدىيىسىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالغان.
    ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالدىدا خالىغانچە كىيىم ئالماشتۇرسا، بۇ بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش خۇددى چاچ تارىغان ياكى پوسما كەيگەنگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر ئىش دىگەن تۇيغۇغا كىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئادەتتە بالىلار چوڭ بولغانسىرى، ئانا بىلەن ئوغۇل پەرزەنت ئوتتۇرسىدا بەلگىلىك ئارلىق ساقلاش(دادا بىلەن قىز پەرزەنت ئوتتۇرسىدىمۇ ئوخشاش) كىرەك بولىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئالدىدا يات جىنسلىق ئاتا-ئانا كىيىم ئالماشتۇرغاندا ئۆزىنى قاچۇرۇشنى بىلىشى لازىم؛ چۈنكى،  ئۇنداق بولمىغاندا بالىلارغا تۆۋەندىكىدەك سەلبى تەسىرلەرنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
1. بالىلارنىڭ جىنسىيەتكە بولغان توغرا تۇنۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    روھىيەت ئانالىز ئىلمى مەزھىپىدىكى پىسخىلوگىيە ئالىمى فىروئىد بالىلارنىڭ 6-3 ياش مەزگىلىنى جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىل دەپ قارايدۇ. 3 ياشتىن بۇرۇن بالىلارغا نىسبەتەن، چوڭلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىنىڭ تۈۋرۈكتىن چوڭ پەرقى يوق بولىدۇ، ئەمما 3 ياش ئەتراپىدىن باشلاپ بالىلاردا ئەر، ئاياللىق پەرقى كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا قارىتا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش لازىم بولىدۇ.
2. ئۆزىنى قوغداش ئىدىيىسى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ.
    ئەگەر چوڭلار ئۆزىنى ياخشى تۇتۇۋالماي ياكى ئۆزىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىگە چەك قويماي، خالىغانچە بالىلارنىڭ ئالدىدا كىيىم ئالماشتۇرىدىغان ياكى ئۆز-ئارا يېقىنچىلىق قىلىشىدىغان، بالىلار بىلەن بىللە يۇيىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ بالىلارنىڭ بۇنداق قىلىش ئادەتتىكىچە بولغان ھەم يول قويۇلغان ئەھۋال ئوخشايدۇ دىگەن قاراشقا كىلىپ قېلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا چوڭلارنى دورايدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ئىدىيىسىنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ؛ ئاخىرىدا، بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە باشقىلارنىڭ خۇسۇسي مەخپىيەتلىكىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
3. ئاسانلا پىسخىكىسىدىكى بىنورماللىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
    ئانا ئوغلىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قاچۇرماي كىيىم ئالماشتۇرسا، بەزى بالىلار تېخىمۇ كۆپ جىنسي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئانىسىنىڭ فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە يۆتكەپ قويىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئوغۇل بالىنىڭ ئادەتتىكى ئانىسى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئاز بولسا، ئۇ يەنە ھەمىشە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئانىسىنىڭ بەدىنىنىڭ سەزگۈر قىسىملىرىنى كۆرۈپ قالسا، بۇ ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بالىلارغا جىنسىيەت جەھەتتىكى غىدىقلاش ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر بۇ خىل پىسخىكا جەھەتتىكى غىدىقلاش زەربىسى ۋاقىتىدا توغرا يولغا يىتەكلەشكە ئىرىشەلمىسە، بۇ بالىلارنىڭ نىپىز پايپاق، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارغا قارىتا ئالاھىدە قىزىقىش ياكى غەلىتە ھالەتتە ئامراق بولۇپ قېلىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
    شۇڭلاشقا، ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز 3 ياشقا توشىمىغان بولسا، سىز ئۇنىڭ بىلەن يېقىن بولغان مىھىر-مۇھەببەتنى، يەنى بىللە يېتىپ ئۇخلاش، كىيىم ئالماشتۇرغاندا ئۆزىنى قاچۇرماسلىق قاتارلىق ساقلاپ قالسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما بالىڭىز 3 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قارىتا پىلانلىق تۈردە جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى باشلاش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号