ھامىلدار ئاياللار يانفون ئوينىسا بولامدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7468:قېتىم كورۇلدى
    دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يانفون كىشىلەر ئايرىلالمايدىغان مۇھىم بىر قورالغا ئايلاندى. بىراق ھامىلدار ئاياللارغا نسىبەتەن، يانفوننىڭ "زىيانلىق تەسىرى" زور دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ، ھەتتە بەزى زاۋاتلار بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس كىيىدىغان رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى ئىشلەپ چىقتى. ئۇنداقتا يانفوننىڭ زىيىنى راستىنلا شۇنداق چوڭمۇ؟ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زادى يانفون ئويناشقا بولامدۇ يوق؟
يۇقىرى رادىئاتسىيەنىڭ زىيىنى
    ئالىملار ئىلگىرى، ھامىلدار چاشقانغا مۇنداق بىر تەجىربە ئىشلەپ باققان: ئۇلار ئىلىكتىر ماگنىت رادىئاتسىيسى ئارقىلىق چاشقاننى توختىماي غىدىقلىغان؛ ئاخىرىقى نەتىجىدە چاشقاننىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىغان. يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى تالا ئانا ھۈجەيرىسى 16 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي رادىئاتسىيە تەسىرىگە ئۇچرىسا، DNA دا ئۈزۈلۈش كۆرۈلىدىكەن؛ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ، رادىئاتسىيە ھەقىقەتەنمۇ ھامىيلىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلدە، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۇقىرى رادىئاتسىيەلىك ماددىلاردىن يېراق تۇرۇشى كىرەك.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يانفون ئويناشقا بولامدۇ؟
    گەرچە رادىئاتسىيەنىڭ قورساقتىكى ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يانفوننىڭ ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يانفون ئەمدى ئومۇملىشىشقا باشلىغان مەزگىللەردە، "يانفون رادىئاتسىيىسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق" دىگەنگە ئوخشاش ئۆسەك سۆزلەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆسەك سۆزلەرنى بىتچىت قىلىشقا ئىشلەتكەن ئىسپاتلارنى، بۈگۈنكى كۈندە ھامىلدار ئاياللارنىڭ مەسىلىسىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، رادىئاتسىيە بولسا ئىئونلۇق رادىئاتسىيە ۋە غەيرى ئىئونلۇق رادىئاتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ؛ يادرو رادىئاتسىيىسى، X نۇرى قاتارلىق ئېلىكتىر ئىئونلۇق رادىئاتسىيەلەر، ھەقىقەتەن ئادەم بەدىنى DNA سىغا چوڭ دەرىجىدە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بىراق بىز ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرىتىدىغان يانفون، تېلىۋىزور، سىمسىز سېگنال تارقاتقۇچ قاتارلىق بۇيۇملار تارقاتقان رادىئاتسىيە، غەيرى ئىئونلۇق رادىئاتسىيىگە تەۋە بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىل رادىئاتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغۇرلۇق ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتلار يوق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئەسلىدىنلا رادىئاتسىيەگە تولغان بولۇپ، رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش، ئۇ بىر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن يانفون تارقاتقان رادىئاتسىيە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دىگەن سۆز-چۆچەكلەر ھەقىقەت ئەمەس.
يانفوننى ئىلمى ئۇسۇلدا ئىشلەتمەك لازىم.
    ئەمىلىيەتتە رادىئاتسىيەگە سېلىشتۇرغاندا، يانفوننىڭ ھامىلدار ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تېخىمۇ چوڭ زىيانلىق تەسىرى بولسا، ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئويناش ئادەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئوينىغاندا، ھامىلدار ئاياللار ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدىغان بولۇپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر يول مېڭىۋىتىپ يانفون ئوينىغاندا، خەتەر يۈز بىرىپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار توغرا بولغان يانفون ئىشلىتىش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، يانفوننى بىر قېتىمدا ئۇزۇن ۋاقىت ئىزچىل تۈردە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

    ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، داڭلىق ماركىلىق يانفونلارنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى ئىنتايىن ئاز كىلىدۇ، ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ئىشلەتسە بولىدۇ؛ ئەمما خالىغانچە قوراشتۇرۇلغان ساختا يانفون (山寨版手机)لارنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللار بۇنداق يانفون ئىشلىتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى لازىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号