ئاياللار ئىمىتىش مەزگىلىدە ھامىلدار بولسا بولامدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8031:قېتىم كورۇلدى
    ئىمىتىش مەزگىلى ئاياللارنىڭ ئۆز سۈتى بىلەن بوۋاق بالىلارنى ئىمىتىش مەزگىلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە 18 ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىل بوۋاقلارنىڭ ئانىسىنىڭ ئاسرىشى ئاستىدا تىز سۈرئەتتە ئۆسۈپ-يىتىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇلۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئانىسىنىڭ ساغلام ھەم خۇشال كەيپىياتى ئاستىدا ئانا-بالا ھىسيات ئالماشتۇرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل ھىسابلىنىدۇ. بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە قوساق كۆتۈرۈش، بوۋاقلارنىڭ "ئاشلىقىنى" ئۈزۈپ قويۇپلا قالماستىن، ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈش جەريانىدا تارتقان ئازابى، بوۋاقنىڭ ھىسيات جەھەتتىكى يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
     ئىمىتىش مەزگىلىدە، گەرچە ھەيىز كەلمىسىمۇ، ئەمما تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش نورمال بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئوخشاشلا ھامىلدار بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىمىتىش مەزگىلىدە قورساق كۆتۈرۈشنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
    1. ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ بەدىنى ئاجىز كىلىدۇ؛ ئالدىنقى قېتىملىق قورساق كۆتۈرۈشتە توختاپ قالغان ھەيىز تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكتىن، بالىياتقۇ ھەمرىيى چاپلاشقان جايدىكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ناھايىتى ئاجىز كىلىدىغان بولۇپ، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، قوغدىنىش ۋاستىلىرى قوللىنىلمىغان جىنسىي تۇرمۇش، ئاسانلا داس بوشلۇقى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    2. ئىمىتىش مەزگخلىدىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى تېخى تۇلۇق ئەسلىگە كىلىپ بولالمىغان بولۇپ، چوڭ ھەم يۇمشاق كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قورساق كۆتۈرگەندە، ئەگەر بالا چۈشۈپ كىتىپ قالسا، بالىياتقۇ ئاسانلا تىشىلىپ كىتىدۇ ھەمدە بالىياتقۇ ھەمرىيى چاپلىشىپ قالىدىغان ۋە بالىياتقۇ ھەمرىيى تەتۈر كىلىدىغان ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، چوڭ دەرىجىدە قان كىتىش ئىھتىماللىقى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا بالىياتقۇنى كىسىپ ئېلىۋىتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ.
    3. ئىمىتىش مەزگىلدە قورساق كۆتۈرگەندە، قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ، قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
     4. ئىمىتىش مەزگىلىدە قورساق كۆتۈرۈش، ئىمىۋاتقان بالىنى ئىمىشتىن توختاشقا مەجبۇر قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
    5. ئىمىتىش مەزگىلىدە قورساق كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، كىسەللىك يۇشۇرۇن خەۋپى ئېلىپ كىلىدۇ.
    6. ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغقان ئاياللاردا، ئىمىتىش مەزگىلىدە قورساق كۆتۈرسە، بالىياتقۇنىڭ ئۆزلىكىدىن يېرىلىش خەۋپى تۇغۇلۇپ، ئانا بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئېلىپ بارماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ 3 ئايدىن كىيىنكى ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قورالىنى چوقۇم ئىشلىتىش كىرەك؛ ئادەتتە، ھەيىز ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، نورمال ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئېلىپ بارساق بولىدۇ، ئەمما ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنى تۇغۇتتىن كىيىنكى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号