
1. ئاڭلاش
بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالغاندا، زادى نىمە سەۋەپتىن خاتالىق ئۆتكۈزدى، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاش. مەسىلەن، بالا ئاكۋارىئوم(鱼缸)نى چېقىۋىتىپ قالسا، بۇ بەلكىم ئاكۋارىئوم بەك چوڭ بولغانلىقتىن، ئۇلار كۆتۈرەلمەي قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئاڭلاشنى خالىغان ۋاقتىڭىزدا، بالا ئاندىن سەۋەپبى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، چوڭلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىشلەيدىغان تەربىيىسىمۇ تېخىمۇ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولالايدۇ.
2. بالىنى توغر چۈشىنىش
بالىلار خاتالىق سادىر قىلغاندىن كىيىن، ئۇلار ئۆز كۆڭلىدە خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىپ، كۆڭلىدە ئەنسىرەش پەيدا بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا چوڭلار ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىنى چۈشىنىپ يىتىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنى توغرا چۈشەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ چىقىرىپ، بالىنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كىرەك.
مەسىلەن، بالا تاماقنى چېچىپ يىگەن بولسا، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تاماقنى ئۆزى يەپ بولغىنىنى ماختىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېغىشتۇرۇپ پاكىزلىۋىتىش كىرەك. بالىلارنى توغرا چۈشىنىش، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بولغان چېنىقىش پۇرسىتى بەرگەنلىكتۇر.

3. بالىغا ئىشىنىش
نەتىجىگە ئاساسەن بالىغا باھا بەرمەستىن، بالىلارنىڭ قىلمىشى ئارقىسىدىكى سەۋەپنى تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش ھەمدە بالا قىلغان ئىشنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كىرەك. مەسىلەن، بالا باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن نىمىشقىلىقىنى سوراش ياكى ئۇنىڭدىن "سىز ئويۇنچۇقنى ياردەملىشىپ يېغىشتۇرۇشۇپ بەرمەكچى بولغانمىدىڭىز" دەپ سوراش؛ بۇنىڭدا بىز بالىنىڭ قىلمىشىغا باھا بەرگەندە، ئىجابى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ باھا بەرگەن بولىمىز.
4. بالىغا ياردەم بىرىش
ھەر بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ تىز بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بولسا ئاستا بولىدۇ؛ شۇڭا چوڭلار بالىلارنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋىلىشى، ئۇلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەم بىرىشى كىرەك.
بالا رەسىمنى قانداق سىزىشنى بىلەلمىگەن ۋاقتىدا، چوڭلار قاتناشقۇچى سالاھىيىتى بىلەن بالىلارغا ئىلھام بىرىشى، ھەمدە بالىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئاكتىپ باھا بىرىشى كىرەك؛ چۈنكى، بەلكىم مۇشۇ بىر سەۋەپ بىلەن بالا رەسىم سىزىشقا قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

5. كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەش
بالىلار ھەمىشە دىققەت تارتىش ئۈچۈن بەزىبىر "خاتا ئىشلارنى" قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چوڭلار بالىنىڭ بۇ "ئويىنى" تۇنۇپ يىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بالىنىڭ قىلمىشىغا بولغان ئۈمىدىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىپادىلىشى كىرەك.
ئەگەر بالىلار سىنىپتا جىم ئولتۇرماي كەپسىزلىك قىلسا، ئۇلارنى بىۋاستە تەنقىدلىسەك، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن؛ بۇنداق ۋاقىتلار بىز ئەگەر "مەن سىنىڭمۇ ئۆز ئالدىڭغا ئويلىغانلىرىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، لىكىن بىز ئاۋال باشقىلارنىڭ نىمە دەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىشىمىز كىرەك، كەينىدىن سەن يەنە ئويلىغانلىرىڭنى ئوتتۇرغا قويساڭ بولىدۇ" دەپ ئېيتساق، بەلكىم بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.