بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، دوستۇم بىلەن بالىلارنى ئېلىپ كوچا ئايلىنىشقا چىقتۇق، ئىككى بالىمۇ يۈگرەپ-سەكرەپ ناھايىتى خوشال ئوينىدى؛ مەن دوستۇم بىلەن ئايلىنىپ كىتىپ بېرىپ، تۇيۇقسىز ئىككى بالىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى بايقىدۇق؛ بىز كەينىمىزگە يېنىپ بىر ھازا ئىزدىگەندىن كىيىن دوستۇمنىڭ قىزىنىڭ بىر ئويۇنچۇقنىڭ ئالدىدا تۇرۋىلىپ ماڭغىلى ئۇنىمىغانلىغىنى، ئوغلۇمنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا ھەمرا بۇلۇپ تۇرغىنىنى كۆردۇق.
مەن دوستۇم بىلەن ئۇلارنىڭ قېشىغا باردۇق؛ كىچىك قىزچاق ئاپىسىنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ، بىر ئويۇنچۇقنى كۆرسىتىپ ئۇنى سېتىۋىلىپ ئوينۇغۇسى بارلىغىنى دىدى. دوستۇم ئاستاغىنا ئۇ ئويۇنچۇققا قاراپ باھاسىنى كۆرگەندىن كىيىن رەڭگى بىردەمدىلا ئۆڭۈپ كەتتى؛ ئۇ قىزىغا "دو دو، بۇ ئويۇنچۇق بەك قىممەتكەن، بىزنىڭ بۇنى سېتىۋىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. دو دو ئاپىسىغا ھە دەپلا چاۋاپ قايتۇردى، ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ، چىرايىدىن خاپا بولغانلىغىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى؛ ئەمما دو دو گەپ ئاڭلايدىغان بالا بۇلۇپ، ئۇ ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بەر دەپ قايتا ئاپىسىنى خاپا قىلمىدى.

بەزىدە بالىلار ئوتتۇرغا قويغان بەزى تەلەپلەرگە قارىتا، ئاتا-ئانىلار "سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمەسلىك"نى باھانە قىلىپ، بالىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ؛ ئەمما ئاتا-ئانىلار بىر نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بۇلۇپ، داۋاملىق بۇنداق دىگەندە، بالىلاردا پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويۇش ئىھتىماللىقى بۇلىدۇ.
1. بالىلار ئۆزىنىڭ نورمال ئىھتىياجىنى باسىدۇ
ئاتا-ئانىلار دائىم بالىسىغا بۇ بەك قىممەتكەن ، بىزنىڭ پۇلىمىز يوق، سېتىۋىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ دىگەندەك سۆزلەرنى قىلسا، بالىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا بىزنىڭ ئائىلىدە ھەقىقەتەن پۇل يوق، بىر نەرسە سېتىۋالالمايمىز دىگەن قاراش پەيدا بۇلۇپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەر ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ ئاتا-ئانىسىغا دىيىشكە پېتىنالمايدۇ، ئاتا-ئانىسىدا پۇل يوق بۇلۇپ قېلىپ سېتىۋالالماسلىقتىن قورقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ پىشىپ يىتىلىش جەريانىنى تىزلىتىۋىتىدۇ، بالىلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن جەمىئەتنىڭ رەھىمسىز تەرەپلىرىنى تۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ نورمال ئېھتىياجىنىمۇ بېسىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەر ئۇچرىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىرىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

2. بالىلاردا ئۆزنى كەمسىتىش ئىدىيىسى شەكىللەندۈرىدۇ
ئۆزىنى كەمسىتىش چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاندىن پەيدا بۇلىدىغان ئەمەس؛ بەزى بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا قەلبىگە ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ئۇرۇغلىرى تېرىلىدىغان بۇلۇپ، ئۇلار پەقەت ۋاقتىنچە بۇنى ئىنىق تۇنۇپ يىتەلمىگەن ياكى بايقىيالمىغان بۇلىدۇ. ئەگەر ئات-ئانىلار دائىم بالىسىغا نامراتلىقتىن دەرت تۆكسە، بالىلارغا پۇل يوق، تىجەپ ئىشلەتمىسەك بولمايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ قىلسا، بالىلاردا ئاسانلا مەن دىگەن بىر نامرات بالا دىگەن قاراشنى پەيدا قىلىپ، ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بۇلۇپ ئۆزىگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
3. بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ
بالىلار بەزى نەرسىلەرگە ئىرىشىشنى ئويلىغاندا، ئاتا-ئانىسى سېتىۋىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ دىگەن ۋاقىتتا، بۇ كۈچنىڭ كەمچىل بۇلۇشى ياكى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكىنى دارىتمىلايدىغان بۇلۇپ، بۇ ھالەت بالىلارنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانام مىنى باقالمايۋىتىپتۇ دىگەن خاتا قاراش پەيدا قىلىپ، بالىلارنى تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولالماسلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ، ئىچكى دۇنياسىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بۇلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

سۆزلەشتىكى ئىلىم ناھايىتى چوڭقۇر بۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقى سىھرى كۈچى ئوخشاش بىر نوقتىنەزەر ياكى داۋلىنى ئوخشىمىغان تىل ۋە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بۇلۇش، ھەتتا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا بۇلىدىغانلىقىدا. ئات-ئانىلار بىر ماددى بۇيۇم ھەقىقەتەن قىممەت بولغانلىقتىن ئۇنى سېتىۋالالمىغان ۋاقتىدا، بالىلارغا "باھاسى بەك قىممەتكەن، بىزنىڭ سېتىۋىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ" دىمەستىن، باشقا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن دىسەك، يەنى بالىلارغا "ھازىرچە پۇل يىتىشمەيدۇ، بىز توختىماي پۇل يېغىۋاتىمىز، يىتەرلىك يېغىپ بولغاندا ئاندىن ساڭا ئېلىپ بىرەيلى" دىسە، بەلكىم ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن.