ھامىلدار ئاياللارنىڭ يىمەكلىكتىن تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش ئۇسۇللىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11198:قېتىم كورۇلدى
1. تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش
    ھامىلدار بولۇشتىن بورۇن ۋە ئەمدى ھامىلدار بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپ، ئۇرۇق گۆش، ئۆي قۇشلىرى گۆشى، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم تۈرىدىكى يىمەكلىك قاتارلىق تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ تۆمۈر تەركىبىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى، ھەمدە ئۈچەي يوللىرىنىڭ سۈمۈرۈش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى كىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئسىتىمال قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم. ئاساسى تاماق جەھەتتە، ئۇن تاماقلىرىنى كۆپرەك يىيىش لازىم؛ چۈنكى ئۇن يىمەكلىكلىرى تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى گۈرۈچنىڭكىگە قارىغان كۆپرەك بولىدۇ ھەمدە ئۈچەي يوللىرى تەرپىدىن سۈمۈرلىشىمۇ گۈرۈچنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ.
2. تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگە پايدىلىق بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش كىرەك
    مىۋە-كۆكتاتلار تۆمۈر ماددىسى تۇلۇقلاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C يەنە، تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئۈچەي يولىدا سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش بىلەن بىرگە، ئەڭ ياخشىسى مىۋە-كۆكتاتلارنىمۇ تەڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆپرەك يەپ بىرىش كىرەك، بۇنىڭىدا ئىنتايىن ياخشى بولغان تۆمۈر ماددىسى تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى توخۇ تۇخۇمى بىلەن گۆشنى تەڭ ئىستىمال قىلىش كىرەك، بۇنىڭدا توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ؛ ۋە ياكى توخۇ تۇخۇمى بىلەن پەمىدۇرنى تەڭ بىر ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىش كىرەك، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
3. تۆمۈر ماتىرياللىق قازان-قۇمۇچلارنى كۆپرەك ئىشلىتىش
     تاماق تەييارلىغان ۋاقىتتا، ئىمكان قەدەر تۆمۈر قازان، تۆمۈر چۆمۈچ قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىشلىتىش كىرەك؛ بۇ خىل ئەنئەنىۋى تاماق تەييارلاش سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ تاماق تەييارلىغاندا، بەزىبىر ئۇششاق تۆمۈر كۈكۈندىلىرى ئىرىپ يىمەكلىك ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىرىشچان تۆمۈرلۈك تۇزلارنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۈچەي يوللىرىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
4. تەركىنىدە فولىن كىسلاتاسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش
    ھامىلدار بولۇشتىن 3 ئاي بورۇن فولىن كىسلاتا تولۇقلاش كاپسۇلى ئىچىشنى باشلاپ، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن 3 ئاي بولغىچىلىك داۋاملاشتۇرۇش لازىم. يىمەكلىك جەھەتتە، فولىن كىسلاتا مىقدارى مول بولغان يىمەكلىكەرنى كۆپرەك يىيىشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم؛ مەسىلەن، ھايۋانات جىگىرى ۋە بۆرىكى، يىشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار، بىلىق، تۇخۇم، دانلىق زىرائەت، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىك ۋە قاتتىق پوستلىق يىمەكلىك قاتارلىقلار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق تەييارلىغاندا، ئوتنى بەك يۇقىرى قىلىۋىتىش ۋە پىشۇرۇش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كىتىشىدىن ساقلانماق لازىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号