دادىنىڭ بالىسىغا ھەمرا بولۇپ قىلىشى تىگىشلىك بولغان ئىشلار!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9416:قېتىم كورۇلدى
    مۇناسىۋەتلىك بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دادا ئاكتىپلىق بىلەن ئائىلە تەربىيىسىگە قاتناشقا ئائىلىدىكى بالىنىڭ، ھەمكارلىق ۋە ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋيىلىك ھالەتتە ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، مەسىلە كۆرۈلىدىغان قىلمىشلاردا بولۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. يەنە باشقا بىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، دادىنىڭ دائىم بالىسىغا ھەمرا بولۇپ بىرىشى، بالىلارغا بولغان قىممەت قارىشى تەربىيىسىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
   ئەگەر سىز ئوغلىڭىزنى كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقسىكەن دەپ ئۈمىد قىلسىڭىز؛ ئەگەر سىز قىزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز؛  ئەگەر سىز بالىلارنىڭ كۆڭلىدە مۇنەۋۋەر بىر دادىلىق ئوبرازىم بولسىكەن دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا بۈگۈندىن باشلاپ ياخشى بىر دادا بولۇپ، بالىڭىزغا كۆپرەك ھەمرا بولۇڭ!
    1. بالىڭىز بىلەن بىللە لەگلەك ئۇچۇرۇڭ؛
    2. بالىڭىز بىلەن بىللە مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناڭ؛
    3. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ، كاۋچۇڭ لايدىن شەكىللەرنى ياساپ ئوينىشىپ بىرىڭ؛
    4. بالىڭىز بىلەن بىللە رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنى ئويناڭ؛
    5. بالىڭىزغا ئاز دىگەندىمۇ بىر خىل شاھمات تۈرى ئويناشنى ئۈگىتىڭ؛
    6. بالىڭىز بىلەن بىللە "ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللار"نى قىلىڭ؛
    7. بالىڭىز بىلەن بىللە، ئەقلى-ئىقتىدارغا پايدىلىق بولغان ئويۇنلارنى كۆپرەك ئويناڭ؛
    8. بالىڭىزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇڭ؛
    9. تاماقتىن كىيىن بالىڭىز بىلەن بىللە سەيلە قىلىڭ؛
    10. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىڭ؛
    11. قار ياغقاندا، بالىڭىزغا قار بوۋاي ياسىشىپ بىرىڭ؛
    12. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ، كىچىك ھايۋاناتلارنى كۆزىتىڭ؛
    13. بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاپ ئوقۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ؛
    14. بالىڭىز بىلەن بىللە، ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈڭ؛
    15. ھەر يىلى بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە، بىر قېتىملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك ساياھەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىڭ؛
    16. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ، كىتابخانىلارنى ئارىلاڭ؛
    17. بالىڭىزنى موزىينى ئىكىسكۇرسىيە قېلىشقا ئېلىپ بېرىڭ؛
    18. بالىڭىزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىرلىقلىققا تولغان سەنئەت دۇنياسىنى ھىس قىلىشقا بېرىڭ؛
    19. بالىڭىزنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئېلىپ بېرىڭ؛
    20. بالىڭىز بىلەن بىللە ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈڭ؛
    21. دائىم بالىڭىزغا ھىكايە سۆزلەپ بىرىڭ؛
    22. بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتى ھەققىدە سۆزلەپ بىرىڭ؛
    23. بالىڭىز بىلەن بىللە، ئايالىڭىز ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈنلۈك سوۋغىتى تەييارلاڭ؛
    24. بالىڭىز بىلەن بىللە ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ چىقىڭ؛
    25. بالىڭىز بىلەن بىللە كەچلىك تاماق تەييارلاڭ؛
    26. بالىڭىز بىلەن بىللە چوڭلارغا بولغان ۋاپادارلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ؛
    27. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ، ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى كۆرۈپ تاماشا قىلىڭ؛
    28. بالىڭىز بىلەن بىللە مۇزىكا ئاڭلاڭ؛
    29. بالىڭىز بىلەن بىللە تاغقا يامىشىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىڭ؛
    30. بالىڭىز بىلەن بىللە باغۋەنچىلىكنىڭ خۇشاللىقىنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ سىناپ كۆرۈڭ؛
    31. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋەلىسپىت مىنىشنى ئۈگىتىڭ؛
    32. بالىڭىزنى مىھماندارچىلىقلارغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا قائىدە-يۇسۇن ئۈگىتىڭ؛
    33. بالىڭىز بىلەن بىللە مىھمان كۈتۈڭ؛
    34. بالىڭىزنى ئېلىپ، خۇشاللىق تۇيغۇسىدىن بەھرىمان بولۇشنى سىناپ كۆرۈڭ؛
    35. بالىڭىزنىڭ ئايلىق پارچە خىراجىتىنىڭ سانىنى، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىكىتىڭ؛
    36. بالىڭىزغا بەزىبىر بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىڭ؛
    37. بالىڭىز بىلەن بىللە قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشنى ئۆگىنىڭ؛
    38. بالىڭىزغا ئاشلىقنىڭ قانداق كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ؛
    39. بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە "تىجەشچان ئاۋانگارتلار"دىن بولۇشنى ئۆگىنىڭ؛
    40. بالىڭىز بىلەن بىللە غايە ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىڭ؛
    41. بالىڭىز بىلەن بىللە، بۇزۇلغان ئويۇنچۇقلارنى رىمونت قىلىڭ؛
    42. بالىڭىز بىلەن بىللە ئەقىل سىناش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىڭ؛
    43. ئوڭۇشسىزلىقلارغا بالىڭىز بىلەن بىللە يۈزلىنىڭ؛
    44. بالىڭىزغا بايلىقنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق كىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلدۈرۈڭ؛
    45. بالىڭىز بىلەن بىللە، كىرىم-چىقىمنى خاتىرلەپ مېڭىڭ؛
    46. بالىڭىز بىلەن بىللە ئۆي تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دىگەنلەرنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛
    47. بالىڭىزنى نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىشقا بىللە ئېلىپ بېرىڭ، ھەمدە ئاۋال ئۇنىڭ بىلەن بىللە نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىش خامچوتىنى تۈزۈپ چىقىڭ؛
    48. بالىڭىزغا ھەمرا بولۇپ، ئاددى ئەمما مەنىلىك بولغان تۇغۇلغان كۈن خاتىرسى ئۆتكۈزۈڭ؛
    49. ھەمىشە بالىڭىز بىلەن قۇچاقلىشىپ قويۇڭ؛
    50. بالىڭىزغا ۋەدە بەرگەن ئىشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ!

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号