تۈنۈگۈن بىز ۋىيتامىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق؛ بۈگۈن بىز ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋىيتامىن تۇلۇقلاشقا زادى تىگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىكىتىش ۋە ئەگەر ۋىيتامىن تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك بولسا قانداق قىلىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. ۋىيتامىن تۇلۇقلاش ۋاقتى جەھەتتە، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىگە بەكرەك مەركەزلەشتۈرۈش
فولىن كىسلاتاسىنى ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش باسقۇچىدا تۇلۇقلاشقا باشلىغاندىن سىرت، قالغان ۋىيتامىنلارنى ئادەتتە ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى(6-4 ئايلىق بولغان مەزگىل) ۋە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلى(10-7 ئايلىق بولغان مەزگىل)دىن باشلاپ تۇلۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى ۋىيتامىنغا بولغان ئىھتىياج ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلدىن باشلاپ ئاندىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىشقا باشلايدىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلدە(3-1 ئايلىق بولغان مەزگىل) ھامىلدار ئايال ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتامىن مىقدارى ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىل ھامىيلىنىڭ ئەزالىرىنىڭ يىتىلىشى ئەڭ ئاكتىپ ھالەتتە بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا زۈرۈر بولمىغان ۋىيتامىن تۇلۇقلاش، ئەكسىچە ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىراق، سىزىكى بىرقەدەر ئېغىر، ئىشتىھاسى بەك ناچار ھامىلدار ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، مۇۋاپىق مىقداردا تۇلۇقلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

2. ۋىيتامىن تۇلۇقلاش ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا مەخسۇس دوختۇرلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە يەككە تەننىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تولۇقلاش ئېلىپ بېرىش
گەرچە ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ۋىيتامىن مىقدارى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا ئازراق يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما قايسى خىل ۋىيتامىننى تۇلۇقلاشتا كونكىرتنى ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇش كىرەك: مەسىلەن، كالتسىي كەمچىل بولغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋىيتامىن D غا بولغان ئىھتىياجى باشقا ھامىلدار ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە يىمەكلىك ئىستىمال ئادىتىگە قاراش كىرەك: مەسىلەن، ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك تۈرى كۆپ، ھەمىشە مىۋە-كۆكتات ئىستىمال قىلىدىغان ھامىلدار ئاياللاردا ئادەتتە ۋىيتامىن C كەمچىل بولمايدۇ؛ يىمەكلىكى چەكلەشكە ئۇچرايدىغان، يۇقىرى قان بېسىمى كىسىلى بار، ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى يىيەلمەيدىغان ھەمدە ئەسلىدىنلا سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك كۆكتاتلارنى يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھامىلدار ئاياللاردا بەلكىم ۋىيتامىن A كەمچىل بولۇشى مۇمكىن؛ كۆپ قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ ۋە ئۇن يىمەكلىكلىرى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان، يىرىك ئاشلىق يىمەيدىغان ھامىلدار ئاياللاردا B ئائىلىسى ۋىيتامىنلىرى كەمچىل بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار ۋىيتامىن تۇلۇقلاشتا، تۇغۇت مەخسۇس دوختۇرى ياكى ئۇزۇقلۇق مەخسۇس دوختۇرىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا ئىھتىياجغا قاراپ تۇلۇقلىشى لازىم.

3. يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاشنى ئاساس قىلىش، دورا قىلىپ ئىشلەنگەن ۋىيتامىنلارنى ئاز مىقداردىن باشلاپ تۇلۇقلاش
يىمەكلىكلەر تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان نۇرغۇن ۋىيتامىنلار بار؛ مەسىلەن مايمۇن شاپتۇلى، بۆلجۈرگەن، ئاناناس(菠萝)، ئاپلىسىن، دولانا(山楂) قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ ۋىيتامىن C تەركىبى يۇقىرى؛ ھايۋانات جىگىرى، يىشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ ۋىيتامىن A تەركىبى يۇقىرى؛ يىشىل يۇپۇرماقلىك كۆكتات، پۇرچاق يىمەكلىكلىرى، ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ جىگىرى، گۆش تۈرى ۋە قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى يۇقىرى... ھامىلدار ئاياللار ئەگەر ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەكشى قىلىپ تەڭشەپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يىمەكلىكنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ئۇنداقتا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا دورا قىلىپ ئىشلەنگەن ۋىيتامىنلارنى ئسىتىمال قىلىش بىھاجەت بولىدۇ. ئەمما ھامىلدار ئاياللار ئەسلىدىنلا يىمەكلىك تاللايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك تۈرلىرىنىڭ تۈزلۈشى مۇۋاپىق بولمىسا، ئۇنداقتا بۇنداق ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە دورا قىلىپ ئىشلەنگەن ۋىيتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋالدا، چوقۇم ئاز مىقداردا ئستىمال قىلىشتىن باشلاش لازىم؛ ئەگەر ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا ئىھتىياجنى قامدىيالمىسا، ئۇنداقتا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، مىقدارنى تەدرىجى كۆپەيتسە بولىدۇ.
