ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋىيتامىن تۇلۇقلىشى ھەققىدىكى ساۋاتلار (1)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9285:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى ۋە ھامىيلىنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر خىل ئۇزۇقلۇقلارغا بولغان ئىھتىياجى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشىدۇ، بۇ ۋىيتامىنغا بولغان ئىھتىياجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە. ۋىيتامىن بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال مىتابولىزىمنى تەڭشەش ۋە ساقلاشتىكى مۇھىم ماددا بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلدە مۇۋاپىق مىقداردا ۋىيتامىن تۇلۇقلاش ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپلا قالماي، ئۇ يەنە ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگىمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئادەتتە ۋىيتامىننىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە زىيادە بولۇپ كىتىشى ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە ئوخشاشلا پايدىسىز؛ ئۇنداقتا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قايسى خىلدىكى ۋىيتامىنلارنى تۇلۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ؟ مۇناسىپ ۋىيتامىنلارنىڭ كەمچىل ياكى زىيادە بولۇپ كىتىشىنىڭ قانداق پايدىسىز تەرەپلىرى بار؟ بىز تۆۋەندە ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىيتامىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى!
1. ۋىيتامىن A
     
ۋىيتامىن A نىڭ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ساقلاش، ناماششام قارىغۇسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆسۈش ۋە مىتابولىزىمغا پايدىلىق بولۇش قاتارلىق تەسىر ئۈنۈملىرى بار. ۋىيتامىن A نىڭ كەمچىل بولۇشى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ناماششام قارىغۇسى كىسىلى بولۇپ قېلىش، تىرىسى قۇرغاق بولۇپ قېلىش، بالا چۈشۈپ كىتىش ۋە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى تۇلۇق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ھەتتا ھامىيلىنىڭ يىلىكى ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىيتامىن Aنىڭ مىقدارى زىيادە بولۇپ كەتكەندە بولسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا ۋىيتامىن A ئىشلەتكەندە، بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولۇپلا قالماي، بۇندىن باشقا يەنە ھامىيلىنىڭ تۇغۇلما غەلىتە شەكىلدە بولۇپ قېلىشى ۋە كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قېلىش كىسىلى بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2. ۋىيتامىن B ئائىلىسى
     ۋىيتامىن B ئائىلىسى فولىن كىسلاتاسى، پانتوتېنىك كىسلاتا، نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىق كۆپ خىل ۋىيتامىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشى ۋە ھامىيلىنىڭ تۇغۇلما يۈرەك كىسەللىكى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇلاردىن باشقا يەنە نىرۋىنى قۇۋۋەتلەپ، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇشنى ياخشىلايدۇ. ۋىيتامىن B كەمچىل بولغاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلى قان بېسىم ئېشىپ كىتىش ئونۋىرسال كىسىلى ۋە ئىكلامپىسىيە(子痫) گە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۇپ، ھامىيلىنىڭ مىڭە نىرۋا كانىلىنىڭ كەمچىل بولۇشى ياكى زەخمىگە ئۇچرىشىنى، نىرۋا سېستىمىلىرىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇشى ۋە تۇغۇت سىزىكى ئېغىرلاپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىيتامىن B نىڭ مىقدارى زىيادە بولۇپ كەتسە، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، نىرۋا ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ۋىيتامىن B6 گە تاينىۋىلىش كىسىلى، دەل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋىيتامىن B6 نى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
3. ۋىيتامىن C
     
ۋىيتامىن C نىڭ ھامىيلىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. ھامىيلە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىسىنىڭ تېنىدىن زور مىقداردا ۋىيتامىن C قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق، سۆڭەك ۋە چىشىنىڭ نورمال يىتىلىشىنى ۋە قان ياساش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ. ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا ۋىيتامىن C تۇلۇقلاپ بەرسە، قان ئازلىق كىسىلى، ھامىيلنىڭ تۇغۇلما غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشى ۋە قان بۇزۇلۇش كىسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما ۋىيتامىن C نىمۇ نورمىدىن ئارتۇق زىيادە قوبۇل قىلىۋەتكەندە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋىيتامىن C نى نورمال مىقداردىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازان يېپىشقاق تالاسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان قاناشنى ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
4. ۋىيتامىن D
    
ۋىيتامىن D كالتسىي ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈش مىقدارىنى ئاشۇرالايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋىيتامىن D كەمچىل بولسا، ھامىيلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردا تۆۋەن كالتسىيلىق قان كىسىلى ۋە چىشىنىڭ يىتىلىشى تۇلۇق بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىدارلىق مەزگىلىدە ۋىيتامىن D قۇبۇل قىلىش زىيادە بولۇپ كەتكەندە بولسا، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپ، بوۋاقلاردا ئارتىرىيە قان تۇمۇرى تار شەكىللىنىپ قېلىش، نىرۋا جەھەتتە توسالغۇ بولۇش ۋە سۈيدۈك كىسلاتالىق زەھەرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
5. ۋىيتامىن E
     
ۋىيتامىن E، بەدەن ئورگانىزىمىدىكى بەزىبىر ھۈجەيرىلەرنىڭ مىتابولىزىمىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ ئادەتتە ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى ۋە ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق مەزگىللىرىدە ئىستمال قىلغاندا، ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك بالا چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋىيتامىن E كەمچىل بولسا، بالا ھەمرىيىنىڭ يىتىلىشى نورمال بولماسلىق، ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش، بالدۇر تۇغۇۋىتىش، بالا ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قېلىش، تۇغۇلما غەلىتە شەكىللىك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ مىقدارى زىيادە بولۇپ كەتكەندە بولسا، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ.
6. ۋىيتامىن K
     
ۋىيتامىن K، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلگەن قان كىتىشنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.  ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋىيتامىن K كەمچىل بولۇپ قالسا ھامىيلىنىڭ چۈشۈپ كىتىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زور مىقداردا ۋىيتامىن K ئسىتىمال قىلسا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا سېرىقلىق چۈشۈش(黄疸)، قان كىتىش ۋە ھامىلدار ئاياللار ئىرىشچان قان تىپىدىكى قان ئازلىق كىسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بۈگۈنچە، ھەر قايسى تۈردىكى ۋىيتامىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق، ئەتە داۋاملىق ھالدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ۋىيتامىن تۇلۇقلىشى ھەققىدىكى ساۋاتلارنىڭ داۋامىنى تۇنۇشتۇرىمىز؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە يەنە كىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号