بوۋاقلارنى كۈندە نەچچىلىك ۋاقىت كۆتۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8414:قېتىم كورۇلدى
    بوۋاقلارنى ئۇزۇن مەزگىل قۇچاقتا كۆتۈرۋىلىش، ئۇلارنىڭ تەبىئى ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە خىلاپ كىلىدۇ. بەزى بوۋاقلار ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئۇلار باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرمىسە ئۇخلىمايدىغان بولىۋالىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەركۈنى ئوتتۇرىچە ھىساپتا 20 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدىغان بولۇپ، ئۇلار 6 ئايلىق بولغاندا بولسا، ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە ھىسابتا 16 سائەت ئۇخلايدۇ. بوۋاق ئادەتتە 2 ئايلىق بولغان مەزگىللىرىدە ھەر كۈنى ئۇنى قۇچاقتا كۆتۈردىغان ۋاقىت ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. بۇندىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تىز بولىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئۇلارنى كۈندە ئۇزۇن ۋاقىت قۇچاقتا كۆتۈرۋالساق، ئۇلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بالىلارنى قۇچاقتا كۆتۈرۈشتە، تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلمىقىمىز لازىم:
1. بوۋاقلار ئۇخلاپ قالغاندا، ئۇلارنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۋالماسلىقىمىز لازىم.
    ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرگەندە، ئەڭ ياخشىسى "ھەمىشە كۆتۈرۈش، ھەر قېتىمدا قىسقا ۋاقىت كۆتۈرۈش" پوزۇتسىيىسىنى تىكلەش لازىم؛ يەنى، بوۋاقنى دائىم قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈپ بىرىش، ئەمما ھەر قېتىمدا 5-3مىنۇتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك لازىم، بۇنىڭدا بوۋاقلار سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ھىس قىلالايدۇ ھەمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدۇ. بوۋاقلاپ ئۇخلاپ قالغاندا ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت كۆتۈرۋالماڭ، بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى قۇچىقىڭىزغا ئېلىپ كۆتۈرمەڭ؛ بولمىغاندا بوۋاقلار قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرمىسە يىغلايدىغان يامان ئادەتنى يىتىلدۈرۋىلىشى مۇمكىن،  بۇندىن باشقا يەنە كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
2. بوۋاقلارنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈشتىن ئاۋال قولنى يۇيماق لازىم.
    بوۋاقلارنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىلار قولىنى پاكىزە يۇيۇشى ۋە سائەت، ئۈزۈك، بىلەيزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىۋىتىش ھەمدە ئىككى قولى ئىسسىغاندىن كىيىن ئاندىن بالىنى كۆتۈرۈش لازىم؛ بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ يۇمران تىرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
3. بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى رەتلەپ قويۇش لازىم.
    
ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرمەكچى بولغاندا، چوقۇم ئالدىنئالا ئىھتىياتچانلىق بىلەن بالىنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويىشى، بوۋاقنىڭ كىيىملىرىنىڭ تۈرۈلۈپ قېلىپ بوۋاققا سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئەگەر سىز بوۋاقنى ئېلىپ سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىسسىق ساقلايدىغان كىيىملەرنى تەييار قىلىپ، بوۋاققا زۇكام تىگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كىرەك.
بوۋاق 8 ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، ئۇلارنى تەدرىجى ھالدا ئازراق كۆتۈرۈش كىرەك
   بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى بەلگىلىك قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە 2 ئايلىق بولغاندا بېشىنى كۆتۈرىدۇ، 3 ئايلىق بولغاندا ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، 7 ئايلىق بولغاندا دومىلاشقا، 8 ئايلىق بولغاندا ئىمىلەكلەشكە باشلايدۇ... گەرچە رىئال تۇرمۇشىمىزدا، ھەر بىر بوۋاقنىڭ كونكىرتنى يىتىلىش باسقۇچىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشىماسلىقلار بار بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەك چوڭ پەرقلەر بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى ئىزچىل تۈردە قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۋالسا، ئۇنداقتا بۇ بوۋاقنىڭ ئۆسۈشى ۋە يىتىلىشىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ.
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاقلار 8 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ ئىمىلەكلەشكە باشلايدۇ؛ ئۇلار ئىمىلەكلەشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ياردەملىشىپ مېڭىشنى ئۈگەتسەك بولىدۇ؛ بۇ بىر خىل تەدرىجى ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان جەرياندۇر. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى دەپ، بوۋاقلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كىرەكتۇر.
بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشى، ئۇزۇقلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ
    ئانا سۈتى بولسا، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق مەنبەسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە تۇغۇتتىن كىيىن بوۋاقلارنى ئىمىتىپ بېقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىراق بوۋاقنىڭ تەدرىجى يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئانا سۈتىدىن ۋاقتىدا ئايرىلىشى لازىم بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاقنىڭ قۇبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇقىنىڭ تۇلۇق ھەم تەڭپۇڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلمىقى لازىمدۇر. ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارغا ھەر كۈنلىكى مەخسۇس تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بەرسە بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号