6 ياشلىق قىز ئائىلىسىنى ئاياپ، پۇتلىرى كىسىۋىتىلىش خەپىگە دۇچار بولدى!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9604:قېتىم كورۇلدى
   شەنتۇ شەھرىدىكى 6 ياشلىق بىر قىز ئۆزى يالغۇچ سىرتقا چىققان ۋاقىتدا ئىھتىياتسىزلىقتىن زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ دەسلىۋىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان؛ ئەمما كىيىنچە بۇ قىزدا نىرۋىسى قالايمىقانلىشىش كۆرۈلۈپ، ھوشىدىن كەتكەن. كىيىن بۇ قىز دوختۇرلار تەرپىدىن قۇتقۇزىۋىلىنغاندىن كىيىن، ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكى كىشىلەردىن يۈرىكى ئېچىشمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان؛ لىكىن كىشىنى كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدىغىنى، داۋالاش كىچىكىپ قالغانلىقتىن، 6 ياشلىق بۇ قىز پۇتلىرىنىڭ كىسىلىپ كىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
   خۇنەنلىك تاڭ ئەپەندىم شەنتۇ شەھرىدە ئشىلەمچىلىك قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە ئۇ 6 ياشلىق قىزى شىياۋ شۈەننى ئۆيىدە يالغۇز قالدۇرۇپ، دوستىنى يوقلاپ كىلىشكە كەتكەن.
  سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا، شىياۋ شۈەن ئۆزى يالغۇز قورقۇپ، سىرتقا چىقىپ دادىسىنى ئىزدىمەكچى بولغان ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى تاغ باغرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئىھتىياتسىزلىقتىن زەخمىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جاراھىتى تىز سۈرئەتتە يامانلىشىپ، ھوشىدىن كەتكەن.
   شىياۋ شۈەننىڭ دادىسى تاڭ باۋشىنىڭ ئېيتىشىچە، قىز يېقىلىپ چۈشتۈم دەپ تۇرۋالغان بولغاچقا، دادىسى ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. بۇ 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ئەھۋال بولۇپ، ئۇ كۈنى دوختۇرلار ئۇنىڭغا ياللۇغ قايتۇرۇش قايتۇرۇش ئۇكۇلى سالغان. 25- چىسلا دوختۇرلار قىزنىڭ دادىسىغا قىزنىڭ جاراھىتىنىڭ يېقىلغان جاراھەت ئەمەسلىكى، يېقىلىپ چۈشسە بۇنداق ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا قىز نىرۋىسى قالايمىقانلىشىپ ئىسىنى يوقىتىشقا ئاز قالغان بولۇپ، گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى ھەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئالىيىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى؛ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دادىسى قىزنى يەنە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلغاندا، قىزنىڭ ئەسلىدە يىرىڭدىن زەھەرلىنىش كىسىلى بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى.
   كىيىن، شىياۋشۈەن شەنتۇ شەھەرلىك مەركىزى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ كىلىنىپ، مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى دۇختۇرلار ئۇنىڭغا قارىتا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. قۇتقۇزۇش ئارقىلىق قىزچاق ئاخىرى ھۇشىغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرلار ئۇنىڭدىن سورىغان ۋاقىتتا، شىياۋ شۈەن ئاندىن ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ يېقىلىپ چۈشۈپ زەخمىلەنگەن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
   ئەسلىدە، شىياۋ شۈەننى يىلان چېقىۋالغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭدىن ئۇنى قانداق يىلاننىڭ چېقىۋالغانلىقىنى سورىغان ھەمدە يانفوندا يىلانلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن؛ قىزچاق يانفوندىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى كۆزەينەكلىك يىلانغا ئوخشايدىغان بىر يىلاننىڭ چېقىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
   ئۇنداقتا بۇ قىزچاق ئالدىدا نىمە ئۈچۈن يالغان ئېيتىپ، ئۆزىنى ئىھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشۈپ زەخمىلەندىم دەپ تۇرۋالىدۇ؟ ئەسلىدە، ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن بۇ كىچىك قىز ئائىلىسنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ دادىسىغا ئاز بولسىمۇ داۋالىنىش ھەققىنى تىجەپ بىرىش ئۈچۈن، ئۆزىنى يىلان چېقىۋالغانلىقىنى ئېيتمىغان ئىكەن.
   قىزچاق ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلىغاندىن كىيىن، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇ قىزغا ئىچى ئاغرىپ يۈرەكلىرى ئېچىشقان. قىزنىڭ دادىسىمۇ ئۆزىنى تۇتاۋالالماي يىغالاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، شىياۋشۈەن ئادەتتە ناھايىتى ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ، كەچلىرى مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ ئۆينى تازىلاپ دادىسىغان ياردەملىشىدىكەن؛ ئۇ يەنە ئەتىگەنلىكى سائەت 5تە ئورنىدىن تۇرۇپ دادىسىغا ياردەملىشىپ كىر يۇيۇشۇپ بىرىدىغان بولۇپ، دادىسى ئىش قىلغاندا كىيىدىغان كىيىملەرنىمۇ ئۇ يۇيۇپ بىرىدىكەن.

    شىياۋشۈەن ھازىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بىر قىسىم تىرىسى بۇزۇلۇپ ئۆلگەن ئىدى. كىيىنچە قىزنىڭ داۋالىنىشىغا يەنە ئىنتايىن كۆپ خىراجەت كىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر داۋالاش ۋاقتىدا يىتىشىپ ماڭمىسا، 6 ياشلىق بۇ ۋاپادار قىز پۇتلىرى كسىۋىتىلىش خەۋپىگە دۇچار كىلىدىكەن.
   قىزنىڭ دادىسىنىڭ دىيىشىچە، ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە يىتەرلىك پۇل تەييارلاپ بولالمىسا، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۇتىنى كىسىۋىتىشكە توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ئۇمۇ ھازىر قىزىنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى تىلەشتىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   سېستىرا شىياۋشەننىڭ تېڭىقىنى ئالماشتۇرغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ جاراھەت ئېغىزىغا تىگىپ كەتكەندە، شىياۋشۈەن چىدىغۇسىز ئاغرىپ ھىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە يۈزلەنگەنگەندىكى ئىپادىسى ناھايىتى قەيسەر بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، ئەگەر ئۇنىڭ پۇتى كىسىۋىتىلسە، كەلگۈسىدە دادىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەلمەسلىك ئىكەن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号