بالىڭىزغا بۇ خىلدىكى گەپلەرنى ئاز قىلىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9519:قېتىم كورۇلدى
    تەربىيىلەشنىڭ بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئاتا-ئانىلار ئىنىق تۇنۇپ يەتكەن؛ ئادەتتە ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھازىرقى دەۋرىمىزدە مۇكەممەل بولغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس، ھەرقانداق ئادەم بالىلارنى كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم قىلىۋىتىمەن دەپ كاپالەت بىرەلمەيدۇ؛ ئەمما بۇ ھەممە ئائىلىنىڭ ياكى ھەممە ئادەمنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدىغان بولۇپ، بىز توغرىسىنى بىلەلمىسەكمۇ، ھېچبولمىغاندا خاتا ئۇسۇلنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك. مەن بۇرۇن خوشنامنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا بالىسىنى تىللىغانلىقىنى كۆرگەن، ئۇ بالىنىڭ بىچارە ھالىتى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ خاتا ئۇسۇل قوللانغانلىقىنى بىلىپ يەتمىگەندە، ئۇلارنىڭ ئىرىشىدىغىنى ئاسانلار ئويلىغىنىنىڭ تەتۈرسىچە نەتىجە بولۇپ قالىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىگىمۇ ناھايىتى چوڭ سەلبى جەھەتتىكى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزنى يۈرەكسىز، جۈرئەتسىز بولۇپ قالمىسۇن دىسىڭىز، بۇ ئۈچ خىل گەپلەرنى ئاز سۆزلەڭ، بولمىسا كىيىنچە ئۆزىڭىز جاپادا قالىسىز.
1. "بىز كەمبەغەل، سەن ئۇنى-بۇنى سېتىۋالىمەن دىمە"
    مەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى كۆرگەن، ئائىلە ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى ئەمەس؛ ئەمما ئۇلار قورامىغا يەتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ئويلاشماي، ھەدىسىلا بالىسىغا نامراتلىقتىن قاقشاپ، بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن پۇل تىجىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى، بالىلار ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا مۇددەتتىن بۇرۇن يىتىلىپ، ئىش ئۇقىدىغان بولىدۇ، بەسلىشىش ئىدىيىسى بولمايدۇ؛ يامان تەرىپى بولسا، بالىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى ھېچىنىمىسى يوقتەك ھىس قىلىدۇ.
   بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىدا، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا بىرىنچى ئىنكاسى ۋاز كىچىش بولىدۇ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرىپ ئۇنى ھەل قىلىشنى ئويلاشمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتىرسىدە ئۇلار ھەرقانداق بەدەل تۆلىيەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈشىگىمۇ يول قويمايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇنى چۈشىنىپ يىتىشمۇ تەس ئەمەس، سىز ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، كەينىدا چوڭقۇر ھاڭ بار بالىلار مىدىرلاشقا جۈرئەت قىلالامدۇ.
2. "يىغلىما! ئىچىڭگە يۇتۇۋەت!"
    بۇ بىر ئېغىز گەپ كۆپ كۆرلىدۇ؛ بالىلار يېشى كىچىك بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئىشلارنى بىتەرەپ قىلالماي نائىلاج قالغانلىقتىن يىغلايدۇ؛ بەزىدە ئارزۇسى قانائەتكە ئىرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن يىغلاپ خاپا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى يىغىلىغىلى قويمايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. بالىلارنىڭ يىغلىشى، كەيپىياتىنى تەڭشەپ "دەردىنى چىقىرۋىلىش" ئۈچۈن بولىدۇ، بۇ خۇددى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىشى، ھاراق ئىچىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش كىلىدۇ. بالىلار يېشى كىچىك بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ يېغىسىنى مەجبۇرى توختىتىپ قويسا، ئۇلار يىغلاشنى خاتالىق ئىكەن، كەيپىياتنى يۇشۇرۇپ قېلىش كىرەك ئىكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ؛ بۇنداق ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بالىلار ئادەتلەنگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى مەجبۇرى بېسىپ قويىدۇ. ئۇلار ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، مىجەزى ھەممىگە ماقۇل دەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ تەڭسىزلىككە ئۇچرىغاندا قارشىلىق كۆرسەتمەي چىداپ ئۆتكۈزۈۋىتىشنى تاللايدۇ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشى تەسكە توختايدۇ.
3. "چوپچوڭ بولغان تۇرۇپ، مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايسەن"
    بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئادەتتە ئۇلىنىپ كىلىدىغان كىيىنكى بىر جۈملىسى بار، يەنى "سىنى باققاننىڭ نىمە پايدىسى؟" دىگەن بىر جۈملە سۆز. بۇنداق ئاتا-ئانىلار ناھايىتى "يامان" كىلىدۇ، ئالدىنقى بىر جۈملىدە بالىنىڭ ھەرىكەت-قىلمىشىنى ئىنكار قىلىدۇ، كىيىنكى يېرىم جۈملىدە بالىنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىدۇ؛ بىر جۈملە سۆزدە بالىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىككى قېتىم ئازار بىرىدۇ، بىز ئۇلارغا چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاشقا تىگىشلىكمۇ قانداق؟ نەتىجە ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان ۋاقىتتا بالىنى ئۇرۇپ-تىللاشتا، ئۇلار زادى نىمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ بالىلار بۇنداق شارائىتتا چوڭ بولسا، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، قورقۇنچاق، شىجائەتسىز چوڭ بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە، خىزمەت جەريانىدا مەسلە كۆرۈلسە، ھەمىشە ھەددىدىن ئارتۇق ھالدا ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدەيدۇ، ئۇلار ھەتتا باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىسىمۇ بۇنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى دەپ بىلىپ، ئۆز ئىدىيىسىنى ئۆزى "يۇيۇپ"، تۇغۇلما ئىقتىدارلىرىنى بېسىپ قويىدۇ، بۇ سەۋەپلىك ھەقىقى بەخىتكە ئىرىشەلمەيدۇ.
   يۇقىرقى سۆزلەرنى ئاتا-ئانىلارنى بىر قېتىممۇ دىمەسلىكى كىرەك دىمەكچى ئەمەس، بەلكى ئىمكان قەدەر ئاز سۆزلەش كىرەك. بىر قېتىم دىسەك بالىغا ساۋاق بولسۇن دىيىشكە بولىدۇ، ئەمما قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ ئاچچىقىنى بالىدىن چىقارغانلىق بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىدارسىز ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号