بالىڭىز ئاغرىپ قالغاندا توغرا ئۇسۇلدا دورا ئىچكۈزۈشنى بىلەمسىز؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8768:قېتىم كورۇلدى
    بالىلارنىڭ بەدىنى ۋە ئىچ ئەزالىرى "يۇمران" كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى تىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋلىنىڭ پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، ئادەتتە بالىلارغا دورا ئىچكۈزگەندە، "دورا ئىچىش بىلەن ساقايتقىلى بولسا ئۇكۇل ئۇرغۇزماسلىق، ئۇكۇل ئۇرۇپ ساقايتقىلى بولسا ئاسما ئۇكۇل ئاسقۇزماسلىق" پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. كونكىرتنى مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:
    1. ئاغرىپ قالغاندا، قانچىكى بالدۇر داۋالىساق ئۈنۈمى شۇنچە كۆرنەرلىك بولىدۇ، ئەگەشمە كىسەللىكلەرنىڭ ئالىدىنى ئېلىش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
    2. دورىنى ۋاقتىدا ئىچكۈزۈش كىرەك، بۇنىڭدا كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
    3. دورا ئىچۈرۈش مىقدارى چوقۇم لايىقىدا بولۇشى (دورا ئورالمىسىدىكى كۆرسەتمە ياكى دوختۇر كۆرسەتمىسى ئاساس قىلىنىدۇ) كىرەك. ئەگەر دورىنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىدۇ؛ بەك ئاز بولۇپ قالسا، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يىتىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا ئاتا-ئانىلار يەنە تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك:
   1. بالىلارغا ئىچكۈزىدىغان دورىلاردا، رىتسىپلىق دورا ۋە رىتسىپسىز دورىلارنى ئايرىشقا دىققەت قىلىش لازىم. رىتسىپلىق دورىلارنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە دوختۇرلارنىڭ يېزىپ بەرگەن رىتسىپىغا ئاساسەن ئاندىن سېتىۋىلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ رىتسىپسىز دورىلارنى بولسا، دوختۇرنىڭ رىتىسىپى بولمىسىمۇ، ئۆزىمىز خالاپ تاللاشقا، سېتىۋىلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەمدە بۇ خىلدىكى دورىلاردا، ئادەتتە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان "OTC" بەلگىسى بار بولىدۇ ؛ ئەمما بوۋاقلارغا ئىچكۈزۈلىدىغان "OTC" تۈرىدىكى دورىلارنىمۇ، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كىرەك.
   2. بالىلارغا ئىچكۈزىدىغان دورىلارنى ئىچكۈزگەندە، ئىمكان قەدەر بالىلار مەخسۇس دورىسىنى تاللاش لازىم؛ ئەگەر بالىلار مەخسۇس دورىسى بولمىسا، ئۆزىمىز خالىغانچە چوڭلار ئىچىدىغان دورىلارنى مىقدارىنى كېمەيتىپلا بالىلارغا ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچكۈزۈش كىرەك.
   3. بالىلارغا دورا ئىچكۈزۈشتىن ئاۋال، دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىمىز ھەمدە دورىنىڭ ئىناۋەتلىك ساقلاش ۋاقتىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
   4. باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىدە، چوقۇم دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئېلىش كىرەك. ئىشلەتكەن ۋاقىتتا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، تۇلۇق مىقداردا، تۇلۇق باسقۇچ ئىچكۈزۈش كىرەك. بۇ تۈردىكى دورىلارغا ئىھتىياجلىق بولمىغاندا، باشقا تاسادىبىلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆز خالىغانچە ئىشلەتمەسلىكى كىرەك.
   5. بالىلارغا دورا ئىچكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى كۆزىتىپ، ئەكىس تەسىرى بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كىرەك؛ بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا دورا ئىچكۈزۈش ئەھۋالىنى خاتىرلەپ مېڭىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر بالىلاردا دورا ئىچكەندىن كىيىن بىنورماللىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش ياكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك؛ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا، ئىچكۈزگەن دورىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ دوختۇرغا كۆرسىتىش ھەمدە دورا ئىچىش ئەھۋاللىرىنى دوختۇرغا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش لازىم.
   6. ئائىلىدە ساقلىنىدىغان دورىلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ساقلاش كىرەك؛ بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئۇقۇشماسلىقتىن دورىنى خاتا يەپ سېلىپ، زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر بالىلاردا دورىنى خاتا يەۋىلىش ھادىسىسى كۆرۈلسە، دەرھال شۇ دورىنى ۋە دورا ئورالما قېپىنى بىللە ئېلىپ،بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش لازىم.
   7. ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى تۇلۇقلاش دورىلىرىنى ئىچكۈزگەندە، بالىلاردىكى ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قاراپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئىشلىتىش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号