ھامىلدار ئاياللار ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن ئاۋالقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئادەتتە بەزىبىر چوقۇم تەكشۈرلىدىغان تۈرلەر بار؛ بۇندىن باشقا يەنە دوختۇرلار يەنە ئوخشاش بولمىغان ھامىلدارلىق مەزگىلىگە ئاساسەن، بەزى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. قەرەللىك تۈردە تۇغۇتتىن ئاۋالقى دوختۇرلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ھامىلدار ئايال ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان زۈرۈر ۋاستە ھىسابلىنىدۇ.

ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، بەزىبىر ئالاھىدە ئەھۋاللار ياكى ئەگەشمە كىسەللىكلەر ۋە يۇقىرى قان بېسىمغا ئوخشاش كۆپ قېتىم ھەم دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان ئەھۋاللاردىن باشقا، ئادەتتە ھامىلدار ئاياللار ئايدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇغۇتتىن ئاۋالقى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى كىرەك.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلدىكى تەكشۈرتۈشتە، دوختۇرلار ھامىلدار ئايالدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندىن باشقا، دائىملىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى—ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، قان بېسىمى، ئىششق بار يوقلۇقى، بالىياتقۇ ئىگىزلىكى، قورساق ئايلانمىسى، بوۋاقنىڭ ھامىيلە ئورنى ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاش، ھامىلدار ئايالنىڭ قېنى ۋە سۈيدۈكىنى تەكشۇرۈش ...قاتارلىق تۈرلەر بويىچە خاتىرلەش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ نەچچىنچى ھامىيلە ھەپتىسى بولغانلىقىغا ۋە باشقا كونكىرتنى ئەھۋالغا قاراپ، بۇنىڭغا ماس تۈردىكى تەكشۈرۈشلەرنى ۋە خېمىيىلىك ئانالىز تۈرلىرىنى، ئۇلار بىلەن مۇزاكىرلەشكەن ئاساستا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

ھامىلدارلىق 20-14 ھەپتە ئارلىقىدىكى مەزگىلدە، دوختۇرلار ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدا، ئۇلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكى(ھامىلە غەلىتە شەكىلدە تۇغۇلۇپ قالىدىغان ياكى تۇغۇلما ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن تۇغۇلۇپ قالىدىغان كىسەللىك) جەھەتتىكى قان سۇيۇقلۇقى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل خىروموسوما بىنورماللىقى بولۇپ، ئادەتتە 35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ تاڭشى ئونۋىرسال كىسىلىگە گىرىپتار بوۋاققا ھامىلدار بولۇش نىسبىتى ئۇنىڭدىن ياش ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. بۇ تۈردىكى قان سۇيۇقلۇقى تەكشۈرۈشى ھامىلدار ئاياللارغا بوۋاقنىڭ تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بىرەلمەيدىغان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش تۈرى پەقەت ھامىيلىنىڭ تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ تاڭشى ئونۋىرساك كىسەللىكى قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقىرى ئېھتىماللىققا ئىگە دەپ چىقسا ياكى باشقا كۆرسەتمىلىرى بار بولسا، ئۇنداقتا ئادەتتە دوختۇرلار بۇ ھامىلدار ئايال بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ھامىيلە باش سۈيىنى تىشىش ئوپراتسىيىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىن ئاز مىقداردا باش سۈيى تارتىپ ئېلىپ، ھامىيلىنىڭ خىروموسومى ياكى ئىممونىت كۈچى ۋە گېن ئانالىزى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خېمىيىلىك ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ھامىيلىنىڭ خىروموسوم غەلىتىلىك كىسىلى ياكى باشقا ئىرىسىيەت خارەكتىرلىك كىسەل ۋە بالىياتقۇدا ياللۇغلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار يوقلىقىغا دىئاگونوز قويىدۇ.

ھامىلدارلىق 24-20 ھەپتە بولغان ئارلىقتىكى مەزگىلدە، دوختۇرلار ھامىلدار ئاياللارغا بىر قېتىملىق تەپسىلى بولغان ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش(B چاۋ، B超) ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بىرىپ، كالپۇك يېرىلىش، تۇغۇلما يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىق بەدەن شەكلى جەھەتتىكى غەيرى ئەھۋاللار بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى بىلەن ماس كىلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.
ھامىلدارلىق 28-24 ھەپتە بولغان مەزگىلدە، دوختۇرلار ھامىلدار ئايالغا بىر قېتىملىق قان سۇيۇقلۇقى تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى دىئابىت كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.