بوۋاقلاردىكى شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش ھادىسىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8200:قېتىم كورۇلدى
    بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش—يەنى ئېغىزىدىن سۇ ئېقىپ قېلىش، بۇ بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئاجرالما سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا ئېغىزىدىن سىرتقا ئېقىپ چىقىپ قالىدىغان بىر خىل كىسەللىك ئالامىتىدۇر. بۇ بوۋاقلىق مەزگىلىدە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئاتا-ئانىلار تۇنۇپ يىتىشكە تىگىشلىك بولغىنى، بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيىگە ئەمىلىيەتتە نۇرغۇنلىغان كىسەللىك ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بۇ جەھەتتىكى ساۋاتلارنى ئۆگىنىپ ئۆتەيلى!
بوۋاقلاردا نىمە ئۈچۈن شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
    1. 1-2 ياش ئارلىقىدىكى بوۋاقلاردا شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈش نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بوۋاقلار ئادەتتە 6 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاندىن مۇكەممەل يىتىلىپ بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا بوۋاقلاردا 6 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، شۆلگىيى ئېقىش ھادىسىسى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كىتىدۇ.
    2. 6 ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن، بوۋاقلارنىڭ چىشى چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ چىش مىلىكى ئورگانىزىملىرىنىڭ يىنىك دەرىجىدە ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك چىش مىلىكى نىرۋىلىرىنى غىدىقلايدۇ؛ شۇڭلاشقا بوۋاقلاردا سۈت چىشى چىقىش سەۋەپلىك، تېخىمۇ كۆپ شۆلگەي سۇيۇقلۇقلىرىنى ئاجىرىتىپ چىقىرىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۆلگەي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
   3. ئەگەر بوۋاقلار قاپارتما خارەكتىرلىك ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلاردىكى كىسەللىكتىن پەيدا بولغان ئاغرىق ئۇلارنىڭ شۆلگەي بېزىنى غىدىقلاپ، كۆپ مىقداردا شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ھەمدە بوۋاقلار شۆلگەينى ۋاقىتدا يۇتۇۋىتىشكە ئامالسىز قالغانلىق سەۋەبىدىن، شۆلگەي ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.
    4. بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، قالقانسىمان بەز يوغىناپ كىتىش قاتارلىق نەپەسلىنىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرى بار بوۋاقلار، ئېغىزىنى ئېچىپ نەپەسلىنىشكە ئادەتلەنگەچكە، ئاسانلا ئىختىيارسىز ھالدا شۆلگىيى ئېقىپ چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
   5. ئېغىز ھەۋىسى مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بوۋاقلار، ھەمىشە قولىنى، كىيىمىنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى چىشلەپ شۈمۈرۈشكە ئامراق كىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى تەبىئىلا ئېشىپ كىتىدۇ.
بوۋاقلاردا شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىكى ئاسراش ئۇسۇللىرى
    1. ھەرۋاقىت ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى شۆلگەينى سۈرتىۋىتىپ تۇرۇش كىرەك؛ سۈرتكەن ۋاقىتتا كۈچىمەي يىنىك سۈرتۈپ، شۆلگەيلەرنى پاكىزلىۋەتسەكلا بولىدۇ، بولمىسا بالىلانىڭ قىسمەن تىرىلىرىنىڭ زەخمىگە ئۇچراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    2. دائىم ئىلمان سۇ بىلەن ئېغىز ئەتراپىدىكى شۆلگەيلەرنى سۈرتۈپ پاكىزلاپ تۇرۇش ھەمدە ماي سۈرۈپ قويۇش لازىم، بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ زاڭىقى ۋە بوينى قىسمىدىكى تىرىلىرىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا بوۋاقلارنىڭ كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا شۆلگەيلىك تارتىپ قويۇش لازىم.
    3. بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيىنى سۈرتىدىغان ياغلىق ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق كەلگەن پاختا ماتىرياللىق بولغىنى ياخشى ھەمدە بۇ ياغلىقنى ۋاقتىدا يۇيۇپ دەزماللاپ بىرىش كىرەك.
    4. ئەگەر بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىش ئالامىتى ئالاھىدە ئېغىر بولسا، ئۇنداقتا بوۋاقنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ، ئېغىز بوشلىقىدا بىنورمال كىسەللىك ئەھۋالى بارمۇ يوق، يۇتۇش ئىقتىدارى نورمالمۇ ئەمەس تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.
   5. بالىلار يېتىپ ئۇخلىغان ۋاقتىدا شۆلگىيى ئېقىپ قالسا، بۇ ئۇلارغا ھېچقانداق ناچار تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت ياستۇقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ پاكىزىلاپ ھەم ئاپتاپقا سېلىپ، باكتىرىيىلەر پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بەرسەكلا بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىش نورمال ھادىسە بولۇپ، بولۇپمۇ 2-1 ياشلىق بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ كۆپىنچە بوۋاقلار 2 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، تۈكرۈكىنى يۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل شۆلگىيى ئېقىش ھادىسىسى تەبىئىلا يوقاپ كىتىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号