سىز بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بوۋاقلار ئۇخلىغاندا ئادەتتە چۆچۈپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟ بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ باقايلى!
بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغاندا چۆچۈپ بىرىشى زادى قانداق بىر خىل ئەھۋال؟
بوۋاقلار ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ پۇت-قولى ياكى بەدىنىنىڭ ئىختىيارسىز ھالەتتىكى تىتىرەپ ياكى سىلكىنىپ بىرىشى، ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى چۆچۈپ كىتىشى دىيىلىدۇ؛ بۇ ئەھۋال يىڭى توغۇلغان بوۋاقلاردا ئومۇميۈزۈك كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇ نورمال بولغان بىر خىل فىزىلوگىيىلىك ھادىسە. بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى بولسا بوۋاقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسى، يەنى ئۆزىنى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن قوغداش قىلمىشىدۇر. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى سۇغۇققا توڭۇپ قالغان ۋاقىتتا، بوۋاقلاردا بۇ خىل چۆچۈپ بىرىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئاسان كۆرىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا قىش كۈنلىرى بوۋاقلارنى ئىسسىق بېقىشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. بوۋاقلاردا بۇ خىل ئۇخلىغاندا چۆچۈپ كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش، نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ؛ ئەمما بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتە 6-3 ئايلىق بولغان ئارىلىقتا چۆچۈپ كىتىش ئەھۋالى تەدرىجى ئازلايدىغان بولۇپ، ئەڭ كىچىككەندىمۇ 6 ئايلىق بولغاندا پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بوۋىقىڭىز بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق بولمىسا ياكى مىڭىسىدە زەخمە بولمىسا، بۇ خىلدىكى چۆچۈپ بىرىش نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، دوختۇرغا كۆرسىتىش ياكى داۋالاش بىھاجەت بولىدۇ.

بوۋاقلار ئۇخلىغاندا چۆچۈپ بىرىشنىڭ سەۋەبلىرى
1. بوۋاقلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسى ۋە چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدىغان بولۇپ، مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياجانلىنىش خارەكتىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، غىدىقلاشقا ئۇچرىغان ھامان ئاسانلا ھاياجانلىنىپ بىرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئازراق ئۈنلۈك ئاۋازلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتمۇ پۇت-قوللىرى تارتىشىپ سىلكىنىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ بۇ بوۋاقلار غىدىقلاشنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، چوڭ ئادەملەرگە ئوخشاش چوڭ مىڭىگە يەتكۈزۈپ ھۆكۈم قىلىش ئېلىپ بارالمايدىغان بولغانلىقىدىن شۇنداق بولىدۇ. شۇڭلاشقا بوۋاقنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، پۇت-قوللىرى چۆچۈپ ياكى تارتىشىپ سىلكىنىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار تەدرىجى ئازلايدۇ ھەم ئاخىرى ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ.
2. ئۇزۇقلۇق ياكى كىسەللىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. مەسىلەن بوۋاقلاردا كالتسىي كەمچىل بولسا، بۇ چۆچۈپ بىرىش ھادىسىسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن بولۇشى ياكى قېتىم سانىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇندىن باشقا مىڭە پارالىچى بار بالىلاردىمۇ، چۆچۈپ بىرىش ھادىسىسى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرغا كۆرسەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئەھۋالنى ئىنىق بىكىتكىلى بولىدۇ.
3. ئۇخلىغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تارتىشىپ بىرىش، تىببابەت ئىلمىدە ئارىلاپ تۇتىدىغان نىرۋا تەۋرىنىشى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال قورامىغا يەتكەن كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ ھەمدە نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. ئەمما ئەگەر داۋاملىق كۆرۈلسە ھەمدە ناھايىتى قاتتىق تارتىشىپ سىلكىنىش بولىدىغان ئەھۋاللار بار بولسا، ئۇنداقتا قاندىكى كالتسىي تۆۋەنلىكتىن كىلىپ چىققان نىرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ ھاياجانلىنىش خارەكتىرلىك تارتىشىش بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، ۋاقىتدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كىرەك.
بوۋاقلاردا ئۇخلىغاندا چۆچۈپ بىرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قانداق قىلىش كىرەك؟
1. بوۋاقلاردا بۇ خىل چۆچۈپ بىرىش كۆرۈلگەندە، بىز پەقەت بىر قولىمىزنى بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ياكى بىلىكىگە قويۇپ تۇرساق، بۇنىڭدا بوۋاق داۋاملىق خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ.
2. بوۋاقلارغا مۇۋاپىق تۈردە غىدىقلاش بىرىش؛ مەسىلەن پەس ھەم مۇلايىم ئاۋازنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا، بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە ئاڭلاش سىزىمى رىفلىكىس ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش؛ تەبىئى كۈن نۇرىنىڭ غىدىقلىشى ئاستىدا، بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش سىزىمى رىفلىكىس ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇرش قاتارلىقلار.
3.
بوۋاقلارنى يىنىك ھالەتتە سىيلاپ بىرىش. سىيلاپ بىرىش، بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىلدە، مىڭە ھۈجەيرىلىرى ۋە نىرۋا سېستىمىسىغا مۇۋاپىق تۈردە غىدىقلاش بەرگەنلىك بولۇپ، بۇ بوۋاقلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشى، ئەقلى-ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. بۇندىن باشقا سىيلاپ بىرىش ينە بوۋاقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
