زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ بالىلاردا نىمە گۇناھ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7584:ئادەم ئۆگەندى
    بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، 10 ياشلىق قىز بالا ۋاڭ موۋ موۋ، ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئۇرۇپ-تىللاشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، 5- قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن سەكرىۋالغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
     بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغان بۇ قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى لى موۋ ۋە قىزنىڭ ئۆز دادىسى ۋاڭ موۋ، 10 ياشلىق بۇ قىزنى نۇرغۇن قېتىم قاتتىق ئۇرۇپ، ئۇنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ئۆزدادىسى ۋاڭ موۋ ئىلگىرى قايتا نىكاھلانغاندىن كىيىن، قىزى ۋاڭ موۋموۋ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى قىزىغا ئۇنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋىلىشى كىرەكلىكى ھەققىدىكى چېكىدىن ئاشقان سۆزلەرنى بىۋاستە ئېيتقان. قىز بىنادىن سەكرىۋىلىشنىڭ ئالدىدا، ئۆگەي ئانىسى لى موۋنىڭ ئۇرۇپ خورلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ، قىزنىڭ دادىسى ۋاڭ موۋ نەق مەيداندا بىر كۆزىنى يۇمۇپ چاتىغى يوق تۇرۋالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئاخىرىدا 10 ياشلىق بۇ كىچىك قىزنىڭ ئازاپقا چىدىماي بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    كىيىنچە سوت مەھكىمىسى بۇ دىلو ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندا، قىزنىڭ دادىسى ۋاڭ موۋنىڭ بالىلارنى خورلاش جىنايىتىدىكى ئورتاق جىنايەتچى دەپ قاراپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ۋاڭ موۋنى قولغا ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
    يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئاجرىشىپ كىتىش ۋە قايتا نىكاھلىنىش نىسبىتى بارغانسىرى يۇقىرلاپ كەتكەن بولۇپ، قايتا نىكاھلانغاندىن كىيىن، بالىلارنىڭ ئۆگەي دادا ۋە ئۆگەي ئانىسىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراش ۋەقەلىكلىرىمۇ توختىماي يۈز بەرمەكتە.
   گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى 5 ياشلىق قىز شىياۋ تىڭ ئانىسى تەرپىدىن كىيىم جاھازىسى بىلەن ئۇرۇلغان بولۇپ، ئۆينىڭ پەشتىقىدىن دۇمىلاپ چۈشۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ھەممە قىسمى جاراھەتلەرگە تولۇپ، باش قىسمى ئىششىپ ئېغىر دەرىجىدە ھوشىدىن كەتكەن. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن، شىياۋتىڭ ئۆزلىگىدىن نەپەسلىنىشتىن قېلىپ،  نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ۋە بېسىم ئاشۇرۇش دورىلىرىغا تايىنىپ ھاياتلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغان.
    كىيىن شىياۋتىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ئۆكىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلار تېخى بالا گەپ ئاڭلىمىغاچقا ئۇنى ئۇرغانلىقىنى، ئىلگىرىمۇ ئۇنى دائىم ئۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىملىق شىياۋتىڭنى ئۇرۇپ خورلاشقا گەرچە دادىسى قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا بىرچەتتە قاراپ تۇرغان.
    ھازىر شىياۋتىڭنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندىمۇ يوق، مەن بۇنىڭدىن خەۋەرسىز؛ ئەمما ئەينى ۋاقىتتا شىياۋتىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.
   2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19- كۈنى شاڭخەي، شەنشىلىك 6ياشلىق ئوغۇل بالا پېڭ پېڭ ئۆگەي ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانلىق سەۋەپلىك، ئۆگەي ئانسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بامبۇك تاياق توم تۆمۈر سىم قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇپ، باغلاپ، يۈكۈندۈرۈپ دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن خورلىشىغا ئۇچراپ، %75 باش سۆڭىكى سۇنۇپ ئۇۋىلىپ كەتكەن؛ بۇندىن باشقا ئۇنىڭ يەنە ئىككى قۇۋۇرغىسى سۇنۇپ، ئىككى كۆزىنىڭ كۆرۈش پەردىسى، چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە پۈتۈن بەدىنىنى جاراھەت كۆكى ۋە ئىششىق قاپلاپ، بەدىنىنىڭ كۆپ قسىمى جايلىرىدىكى تىرىسى يىرىڭداپ كەتكەن.
    تۇنجى قېتىملىق ئوپراتىسىيىدىن كىيىن، پېڭ پېڭنىڭ باش قىسىم سۆڭىكى %75 قىسمى زەخمىلەنگەنلىكتىن ئېلىۋىتىلگەن بولۇپ، باش قىسمى شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن. كەينىدىنلا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇلارنىڭ پېڭ پېڭنىڭ ئۆگەي ئانىسى تەرپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن جاراھەت ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسىنى قولغا ئالغان.
    بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ۋەقەلىكلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئۇ بالىلارنى خورلاش ۋەقەلىكلىرى ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بالىلار ئىزچىل تۈردە خورلاشقا ئۇچراپ كەلگەن ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ ئۆز دادىسى ياكى ئانىسىمۇ ئەھۋالنى بىلىدىغان بولۇپ، ئەمما كۆپ قىسمى سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان.
    قايتا نىكاھلانغان ئاتا-ئانىلار شۇنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىشى كىرەككى، بالىلار ھەرگىزمۇ قوشۇمچە مەھسۇلات ئەمەس؛ ئۇلار سىزنىڭ بەختىڭىزنى ئىزدەش يولىڭىزدىكى توسۇق ئەمەس، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىدىغان ئوبىكىت تېخىمۇ ئەمەس. شۇڭا سىزنىڭ قايتا ئۆيلىنىشتىكى ئوبىكتىڭىز مەيلى تۇنجى نىكاھ بولسۇن ياكى قايتا نىكاھ بولسۇن، سىز ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىنى ياخشى تاللىشىڭىز زۆرۈردۇر.
    بۇلاردىن باشقا، بالىلار ئاجىز توپ، ئۇلارنىڭ تايانچىسى پەقەت سىز بىرلا؛ شۇڭا ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ خورلاشقا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنى بايقىسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ھەمدە ئۇ قورقۇنچلۇق ئەر ياكى ئايالدىن دەرھال ئايرىلىپ كىتىڭ!

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号