ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق كۆپۈپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7761:قېتىم كورۇلدى
   ھامىيلىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئۇچرايدىغان بېسىممۇ كۈنسايىن ئېشىپ بارىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى ئەزا ۋە ئورگانىزىملارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللاردا قەۋزىيەت بولۇش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلاردىن سىرت، يەنە ئاشقازان كۆپۈش ۋە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
قورساق كۆپۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورساق كۆپۈپ قېلىشنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار: ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھورمۇن ئاجرىتىشتا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش ۋە ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە كىيىنكى مەزگىلدىكى بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىپ ئۈچەينى بېسىۋىلىشى. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قورساق كۆپۈش ئەڭ ئېغىر بولغاندا، ھامىلدار ئايالدا كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئەسلىدىنلا قەۋزىيەت، قورساق كۆپۈش، ئۈچەي قىمىرلاش ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن قاتارلىق ياكى ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە ئېشىپ كىتىش، ھەتتا ئاشقازان يارىسى قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي جەھەتتىكى كىسەللىكلەر بار بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قورساق كۆپۈش بىرقەدەر ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بەلكىم ھامىلدارلىقنىڭ تۆت، بەشىنچى ئايلىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
قورساق كۆپۈشنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
    قورساق نىمە ئۈچۈن كۆپىدۇ دىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن، بىز تۆۋەندە ئاشقازاندىكى بىئاراملىقنى پەسەيتىدىغان ياكى ياخشىلايدىغان قانداق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
1. سۇنى كۆپ ئىچىش
    سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، ئۈچەي يولىدىكى قالدۇق يىمەكلىكلەرنى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئادەتتە قايناقسۇنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازانغا بولغان غىدىقلىشى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى بىئاراملىقنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ مىتابولىزىم سۈرئىتى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا تىز بولۇپ، سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە بەدەننىڭ باشقا جەھەتتىكى ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
2. كۈندىلىك تاماقتا قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ئەمما ھەر قېتىملىق مىقدارىنى ئازايتىش
    قورساق كۆپۈپ قالغاندا، ئەگەر يىمەكلىكنى بەك كۆپ يەۋەلساق، بۇنىڭدا ئاشقازاننىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ؛ شۇڭا ئادەتتە ھامىلدار ئاياللار بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماق مىقدارىنى 8-6 قېتىمغا بۆلۈپ ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، بىراقلا بەك كۆپ يىمەكلىك ئىستىمال قىلىۋالمىسا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا خاس سۇيۇق يىمەكلىكلا يىيىشتىن ساقلىنىش لازىم، چۈنكى سۇيۇق يىمەكلىكلەر ئاشقازان-ئۈچەيگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش كىرەك.
3. ئىلمى ئۇسۇلدا كۆپرەك ھەرىكەتلىنىش
    كۈندە بەلگىلىك ۋاقىت سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قورساقنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
ئۈچەينىڭ قىمىرلىشى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قورساق قىسىمنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. كونكىرتىنى ئۇۋلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:  قورساق ئوڭ تەرەپ ئۈستى قىسمىدىن باشلاپ، سائەت ئىستىرىلىكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئايلاندۇرۇپ سول تەرەپ ئۈستى قىسىمغا ئەكىلىش، كەينىدىن سول تەرەپ ئاستى قىسىمغا قاراپ ئۇۋۇلاش كىرەك؛ ئەمما شۇنى ئسىڭىزدىن چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇكى، بالىياتقۇ قسىمنى ئۇۋلاشقا قەتئى بولمايدۇ.
   بالىياتقۇ ئادەتتە قورساقنىڭ مەركىزى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بەزى ھامىلدار ئاياللار ئاشقازان-ئۈچەينىڭ كونكىرتنى ئورنىنى بىلمىگەنلىكتىن، بالىياتقۇنى ئۇۋۇلاپ سالىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق بولسا، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر ھامىلدار ئاياللاردا قان كىتىش ياكى بالىياتقۇ تارىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۇۋۇلاشنى دەرھال توختىتىش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号