ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن 6پارچە رەسىم
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8675:قېتىم كورۇلدى
    ھەممەيلەن "ياخشى كۆرۈشۈش ئاسان، چىقىشىپ ئۆتمەك تەس" دىيىشىدۇ؛ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشنى ياخشى يۈرگۈزۈش ئاسانغا توختىمايدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ھەققىدىكى تۆۋەندىكى 6پارچە رەسىم، يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىدە تىزلا تارىلىپ كەتتى.
-1-
ئۆي ئىشلىرى ئايال كىشى بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس
     ئائىلە ئىككى ئادەمنىڭ ئائىلىسى، شۇڭا ئۆي ئىشلىرىنىمۇ ئىككى ئادەم ئورتاق زىممىسىگە ئېلىش كىرەك؛ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئاياللار بىر ئادەمنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالماي، بەلكى ئەرلەرنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىسى بار.
    يازغۇچى ۋاڭ ئەنيى مۇنداق دىگەن: ئەگەر بىر ئەر كىشى ئايالىغا نۇرغۇن پۇل بىرىپ، ئۇنى سىرتلارغا چىقىپ پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بولمىسىمۇ بولىدىغان ئائىلە ئايالى قىلالمىسا، ئۇنداقتا ھەممە ئۆي ئىشلىرىنى ئايالى بىر ئادەمگە تاشلاپ قويماسلىقى كىرەك؛ ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاش ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتسا، نىمە ئۈچۈن ئۆي ئىشلىرىنى يالغۇز بىر ئايال كىشىگىلا تاشلاپ قويىدۇ؟
    ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدا تۇرمۇشىدا، كىشنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغىنى قەلبى ئۆزگىرىپ كىتىش ۋە تالاغا قاراشلا بولۇپ قالماستىن، يەنە بەزىبىر كىچىك ئىشلارمۇ بار بولىدۇ؛ بىر ئەر كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سىز ھېرىپ-چارچاپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزگە ياردەملىشىشىنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.
-2-
بالىڭىزنىڭ ئالدىدا جىدەللەشمەڭ
    نۇرغۇن كىشىلەر بالىسىدىن "داداڭنى ياخشى كۆرەمسەن، ياكى ئاناڭنىمۇ" دەپ سوراشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدىغان بىر سۇئال؛ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز دادا ۋە ئۆز ئانىسى تۇرسا، ياخشى كۆرمەي قالامدۇ؟
    نۇرغۇن ئائىلىلەردە، ئاتا-ئانىلار گەپ تالىشىپ جىدەللىشىپ قالغاندا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ئەر-خوتۇن بولۇپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىر بالا ھەر كۈنى جىدەل-ماجرا قۇرىمايدىغان ئائىلىدە ياشىسا، بۇ ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ.
     ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا جىدەللىشىپ قېلىش، بۇ بىر نورمال ئەھۋال، ئەمما ئەقىللىق ئەر-خوتۇنلار ئەزەلدىن بالىسىنىڭ ئالدىدا جىدەللەشمەيدۇ ھەمدە بالىنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ يامان گېپىنى قىلمايدۇ.
-3-
قېينئانا-كىلىن زىددىيىتى، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ "قاتىلى"
    ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تەڭقىسىنچىلىقى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى كۆپلىگەن ئائىلىلەر دۇچ كىلىدىغان مەسىلىدۇر. قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ياخشى بىتەرەپ قىلىنمىغان ئائىلىلەردە، چوقۇم ھەركۈنى جىدەل-ماجرا ئۈزۈلمەيدۇ.
    قېيىنئانا بولغۇچى ئوغلىنى خوتۇن ئېلىۋىلىپ ئاناڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭ دەپ ئەيىبلەيدۇ؛ خوتۇن بولغۇچى ئىرىنى مىنى سىرتنىڭ ئادىمى قاتارىدا كۆرۈپ، ئانىڭىزغا يان باستىڭىز دەپ تىللايدۇ؛ ئەر كىشى بولغۇچىنىڭ كۆڭلىمۇ بىئاراملىققا تولىدۇ، كىمگىلا يان بېسىپ سۆزلىسە بولمايدۇ.
    قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، ئانا بىلەن قىزى مۇناسىۋىتى ئەمەس؛ ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئانا بىلەن قىزى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتەك ئۆتەلىسە ئۇ بىر خىل تەلەي ھىسابلىنىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق قىلالمىسىڭىزمۇ ناھايىتى نۇرمال. ياخشى بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى بولسا، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتۈش، بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا تۈزۈت قىلىشىپ ئۆتسىلا ياخشى بولغان بولىدۇ.
-4-
بەسلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر، ئاسانلىقچە بەخىتلىك بولالمايدۇ
     كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئازابلىنىشى، بەسلىشىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
    ئەسلىدە بۈگۈن ئىرى ئەۋەتكەن 520 يۈەنلىك قىزىل بولاقنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولغان بولسا، نەتىجىدە دوستى چەمبىرەككە چىقارغان، ئۇنىڭ ئىرى ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن 1314يۈەنلىك قىزىل بولاقنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ، شۇھامان خوشاللىقى يوق بولىدۇ. ئەسلىدە ئۆزىنىڭ كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ قارايتتى، ئەمما ساۋاقداشلار يېغىلىشىغا قاتناشقاندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى پۇلدار بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى ئۇنچە بەخىتلىك ئەمەستەك ھىس قىلىدۇ.
    ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوخشاش بولمايدۇ، سىز باشقىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىكى كۈلكىلىرىنىلا كۆرىسىز، ئەمما ئۇلارنىڭ يېرىم كىچىلەردە ئاققۇزغان ياشلىرىنى بىلمەيسىز. ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەي، باشقىلارغا ھەۋەس قىلماي ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بەخىتتۇر.
-5-
يانفون ئوينايدىغان ۋاقتىڭىزنى جۈپتىڭىزگە ھەمرا بولۇشقا سەرپ قىلىڭ
    تويدىن بۇرۇن، ئىككەيلەننىڭ تۈگىمەس گەپلىرى بار بولۇپ، كۈن بويى بىرگە بولسىمۇ، يەنىلا ۋاقىت يىتىشمىگەندەك ھىس قىلىدۇ؛ ئەمما تويدىن كىيىن، بەزىلەر ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنى كۆرۈشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ كىتىدۇ. ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ "قاتىل" جىدەل-ماجرا ئەمەس، بەلكى سۈكۈتكە چۆمۈۋىلىشتۇر. ئەرلەر ھېچنىمە دىمىسە، ئاياللار سىزنىڭ تەڭقىسىنچىلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ؛ ئاياللار ھېچنىمە دىمىسە، ئىرىڭىز سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئازاپلىرىڭىزنى بىلمەيدۇ.
    كۈندۈزلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سۆزلەشكۈدەك پۇرسەت بولمىسا ھېچۋەقەسى يوق، ئەمما كەچلىرى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى چىرايلىق پاراڭلىشىپ ئۆتۈڭ. ئۆتكەن ئىشلارنى پاراڭلىشىڭ، ياشلىقىلىرىڭىزنى ئەسلەڭ ياكى كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلىشىڭ. بۇندىن كىيىنكى كىچىلەردە، يانفونىڭىزنى قويۇپ قويۇڭ؛ يانفون ئوينايدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن سەرپ قىلىڭ.
-6-
توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ئۆزىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تاشلىماڭ
    نۇرغۇن ئاياللار توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىنتىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ، بەدەن شەكلىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىشقا ۋە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشقا تىرىشىدۇ؛ ئەمما توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
    ھەرقانداق بىر مەزگىلدە ئۆزىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىڭىزنى قوغلىشىشنى تاشلاپ قويماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ھەرۋاقىت تىرىشىڭ.
    بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىڭىزدە، بۇرۇن ئۇخلاشتا چىڭ تۇرۇڭ، تىرىڭىزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىڭ، قەرەلسىز ھالدا ئۆزىڭىزگە يىڭى كىيىملەرنى سېتىۋىلىڭ؛ كۆپرەك كىتاپ ئوقۇڭ ياكى ئۈندىداردىكى ماقالىلارنى ئوقۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ئىچكى دۇنيارىڭىزنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
    پەقەت ئەڭ ياخشى بولغان ئۆزىڭىزگە ئايلىنالىغان ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ئۇچرىشالايسىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号