ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8257:قېتىم كورۇلدى
     "خىزمەتنى تاشلاپ قويسام سىزنى باقالمايمەن، خىزمەت ئىشلەيمەن دىسەم سىزگە ھەمرا بولالمايمەن."
-1-
     نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر نەرسە ئىزدەش ئۈچۈن شىركەتنىڭ نازارەت قىلىش سېستىمىسىنى ئاختۇرۇپ كۆرۋىتىپ، ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم.
    نازارەت قىلىش سېستىمىسىدا خاتىرلىنىپ قالغان بۇ بۆلەك كىچە سائەت 12 بولۇپ قالغان بولۇپ، ئىشخانىدا بىر خىزمەتدېشىم سىمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتاتتى؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر تېلفون تاپشۇرۋىلىپ، سۆزلىشىپ بولۇپ يانفوننى قويۇپ قويغاندىن كىيىن، ئەزەلدىن سالماق، تەمكىن كەلگەن بۇ خىزمەتدېشىم يۈزلىرىنى تۇتۇپ يىغلاپ كەتتى!
    كىيىن ئىككىمىز بىللە تاماق يەۋىتىپ، مەن ئۇ كۈنى ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ قولىدىكى تۈرنى تۈگىتىش ئۈچۈن،  شىركەتتە يېتىپ سىمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغان ئىدى؛ ئۇ ئەسلىدە شۇ كۈنى ئىشىنى تۈگىتىپلا ئۆيگە قايتىپ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىدى؛ ئەمما ئىشتىن چۈشەي دەپ قالغان ۋاقىتتا، خىرىدارلار ئەسلىدىكى لاھىيىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندىن بۇرۇن يىڭى بىر لاھىيە تەييارلاپ چىقىشى لازىم بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئامالسىز يەنە سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى. كىچە سائەت 12 بولغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ قىزىنىڭ ئۇنى ساقلاپ ئۇخلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغرىپ كەتكەنىدى، ئۇ قىزىنى چوقۇم ئۆزىدىن خاپا بولۇپ قالدى دەپ ئويلىغان ئىدى؛ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قىزى پەقەت بىر ئېغىز "دادا سىزنى سۆيىمەن، بالدۇرراق قايتىپ كىلىڭ" دىگەن سۆزلەرنىلا قىلدى. بۇ ۋاقىتتا بۇ خىزمەتدېشىم ئاخىرى چىدىيالماي يىغلاپ سالغان ئىدى.
      بۇنداق پەيتتىكى، يۈرىكى ئېچىشىش، ئامالسىز قېلىش تۇيغۇلىرىنى، مىنىڭچە نۇرغۇن ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ.
-2-
      چىڭدۇ مىتروسىدا، بىر ئانا بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تېخى ئۆيىگە بارمايلا، چارچىغىنىدىن بالىسىنىڭ قولىغا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغان.
-3-
     بىر كۈنى ئۆيگە قايتىشتا كىيىن قالدىم. يولدا تاكسى شۇپۇرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر يولغا چىقىپ، كىچە سائەت 2دە ئاندىن ئىشتىن چۈشەتتى؛ يول بويىدىكى كىچكى ئاشپۇزۇللاردىنمۇ تاماق يىيىشكە كۆزى قىيماي، قورسىقى ئاچ ئۆيىگە قايتىپ سۇغا چۆپ سېلىپلا قاينىتىپ يەيتتى.
-4-
     بىر كۈنى مىھماندارچىلىققا بارغاندا، يېنىمدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغانلار سودا توختامى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 40 نەچچە ياشلىق بىر ئادەم، ھەر قېتىم ئۇدۇلدىكى 20 نەچچە ياشلىق خېرىدارىغا ھاراق تۇتقان ۋاقىتتا، بەللىرى تاس قالاتتى 90گىرادوس ئىگىلىپ كەتكىلى؛ ئۇ توختىماي ھاراق ئىچىشى، توختىماي قارشى تەرەپنى ماختاپ چىرايلىق گەپ قىلىشى كىرەك ئىدى. كىيىن ھاجەتخانىغا چىققان ۋاقىتتا ئۇ 40نەچچە ياشلىق كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ بەدىنىنى بىر سىلكىۋىدى، ئۇنىڭ ئاستىدا يۇشۇرنۇپ قالغان ئاق چاچلىرى كۆرنۈپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېلفونىسى سايرىدى؛ گېپىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ قىزىدىن كەلگەن تېلفوندەك قىلاتتى. ئەمما بايام باشقىلارغا توختىماي ئىگىلىپ خوشامەت قىلىپ كەتكەن بۇ ئەر كىشى، ھازىر قىزىغا ناھايىتى مەردانىلىق بىلەن، "قىزىم، خاتىرجەم ھالدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقىۋەرگىن، سەن ئىشلىگەچ ئوقۇيمەن دىمىسەڭمۇ بولىدۇ، داداڭنىڭ تېخى سىنى ئوقۇتالىغۇدەك ھالى بار " دەپ سۆزلەۋاتاتتى.
-5-
     رەسىمدىكى بۇ تازىلىق ئىشچىسى تاغىمىز، قىزىنىڭ گىمناستىكا ھەرىكىتى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 7يىلدا ئىككى توننا كەسمە چۆپنى قۇرۇق سۇدا پىشۇرۇپ يىگەن؛ ھەر كۈنى ئىككى يۈەن پۇل تىجەپ ئاشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، بالىسىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن، ئۆزى جاپا تارتىشقا رازى بولغان.
-6-
      ئادەم ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، ھەمىشە غېرىپلىق ھىس قىلىپ قالىدۇ. چۈنكى سىز ھەر كۈنى كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىزلا، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە تايىنىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئەمما سىز تايىنىشقا بولىدىغان ئادەم بولمايدۇ؛ شۇڭلاشقا سىز باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئىرىشەلمىسىڭىزمۇ، يەنىلا دەردىڭىزنى سۆزلەپ بەرگۈدەك ئادەم بولمايدۇ.
     ھەر بىر ئاتا-ئانا "ئاچ-كۆز" كىلىدۇ، ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيانى تېپىپ كىلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما رىئاللىق رەھىمسىز كىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش كاپالىتىنى تەمىنلەپ بىرىش ئۈچۈنلا، بارلىق زىھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بولغان بولىدۇ.
     قايسى بىر ئاتا-ئانا بالىغا ھەمرا بولۇش كىرەكلىكىنى بىلمەيدۇ؟ قايسى بىر ئاتا-ئانا ھەرقانداق ئادەم ئورنىنى بېسىشنى خالايدىغان خىزمەتنى دەپ بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئۆتكۈزىۋىتىشنى خالايدۇ؟
     ئەمما ئوماق قوزام، مىنى كەچۈرۈڭ! خىزمەتنى تاشلىسام سىزنى باقالمايمەن، خىزمەت قىلىمەن دىسەم سىزگە ھەمرا بولالمايمەن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号