ئىرىڭىزنىڭ قانداق ئىشلاردىن ئەڭ بىزار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7644:قېتىم كورۇلدى
    تۇرمۇشتا ئەرلەر بەزىدە ئاچچىقى كىلىپ قالسا، ھەممىدىن يۈز ئۆرۈپ ئادەم تۇنىماس بولۇپ كىتىدۇ؛ بۇ كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ قوپال مىجەزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى سىز ئۇ ئەڭ بىزا بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ جېنىغا تەگكەن بولىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئەڭ بىزار بولىدىغان بەزى ئىشلارنى بىلىۋىلىشى زۆرۈردۇر؛ ئەگەر سىز بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلالىسىڭىز، ئىرىڭىز سىزدىن بىر ئۆمۈر مىننەتدار بولىدۇ.
1. ئەرلەر ئىجتىمائى ئالاقە بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا تولا تېلفۇن قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كىلىشكە دەۋەت قىلماڭ.
     ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە پائالىيىتى ئاساسەن ئىككى نوقتىنى چۆرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بىرسى ئىگىلىكى ئۈچۈن بولىدۇ، يەنە بىرسى بولسا ئۆزىنى قويۇپ بىرىش ئۈچۈن بولغان ئادەتتىكى دوستلار ئارا بولغا ئىجتىمائى ئالاقە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئىجتىمائى ئالاقە بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقاندا، ئەگەر سىز توختىماستىن ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ، ئۇنى قايتىپ كىلىشكە دەۋەت قىلسىڭىز، ئىرىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ شۇنداق قىلىۋاتقىنىڭىزنى چۈشەنگەن بىلەن، ئەمما دوستلىرىنىڭ شاڭخوسىغا قالىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزى تۆكىلىدۇ. ئەقىللىق ئەرلەر ئادەتتە بۇنداق پائالىيەتلەرگە بېرىشتىن بۇرۇن ئايالىغا دوكلات قىلىپ قويىدۇ؛ ئەقىللىق ئاياللار بولسا، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىرى كەچ قالسا، پەقەت بىرەر قىسقا ئۇچۇر ئەۋەرتىپ ئەھۋال سوراپ قويىدۇ.
2. ئىرىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم ۋاقتىدا، ئۇنىڭدىن بىرەر ئىشلارنى كوچىلاپ سوراۋەرمەڭ.
     ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ۋاقىتتا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار مۇتلەق جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئاياللار بولسا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قىزىقىش سەۋەبىدىن، ئەرلەر كۆڭلى ئەڭ يېرىم ۋاقتىدا ئۇلاردىن نىمە ئەھۋاللىقىنى كوچىلاپ سوراۋىرىدۇ. بۇنىڭىدا سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيلا قالماي، ئىرىڭىزنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ پۇشۇرۇپ قويىسىز، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر قېتىملىق جىدەللىشى نەتىجىسىدە ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىق ئاياللار ئادەتتە بۇنداق ۋاقىتتا ئىرىنىڭ يېنىدا جىمجىتقىنە تۇرۇپ ئاڭلىغۇچى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كوچىلاپ سورىغۇچى بولمايدۇ.
3. ئۇرۇق-تۇققان دوست-يارەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئىرىڭىزنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى ياكى سەتچىلىكلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقماڭ.
     ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈلكىلىك ئىشلارنى سادىر قىلىپ سالىدىغان ۋاقىتلىرى ياكى يىتەرسىز تەرەپلىرى بولىدۇ؛ ئەرلەر ئادەتتە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۇشۇرۇش بىھاجەت دەپ قارىغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەردىن بۇ ھەقتە مۇداپىئەلەنمەيدۇ. ئەمما سىرتتىكى ئادەملارنىڭ ئالدىدا، ئەرلەر بەزىدە پو ئېتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز ھەرگىز ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ سالماسلىقىڭىز، ئىرىڭىزنى ساختا ئادەم دەپ ئويلاپ قالماسلىقىڭىز كىرەك. چۈنكى تاشقى ئامىللارغا قاراپ باھا بىرىدىغان بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە، بەزىدە مۇۋاپىق تۈردە پو ئېتىپ قويۇشمۇ ئادەمگە بەلگىلىك پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
4. ئەرلەر جىسمانىي جەھەتتى ھېرىپ-چارچاپ قالغاندا، ئۇنى سىز بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىشقا مەجبۇرلاشتىن ساقلىنىڭ.
    ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشنى ئاياللارغا قارىغاندا بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئەرلەر بەزىدە ھېرىپ-چارچاش سەۋەبىدىن ئۇنداق ئىشلارغا ۋاقتىنچە خوشى كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاياللار ئىرى ھېرىپ-چارچاپ گەپ قىلىشمۇ خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىدا، ئۇلارغا چاپلىشىۋىلىپ، كۆڭۈل خوشى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى لازىم. بولمىغاندا سىز ئەرلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، ئاچچىقىڭىزدا دىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى دەپ سېلىپ ئىرىڭىزنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ سېلىشىڭىز مۇمكىن.
5. ھەمىشە ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بىر تۇغقانلىرىنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىڭ.
     ئەرلەر بەزىدە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى بىر توغقانلىردىن ئاغرىنىپ قاقشاپ قويسا ھېچۋەقەسى يوق؛ ئەمما سىز ئايالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ گېپىگە گەپ قوشۇپ تەڭ ئەيىبلىشىپ بەرمەڭ، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا ئەيىبلەپ قېلىشتىن تېخىمۇ ساقلىنىڭ. تۇغقانلىق مىھرى يىڭى بىر ئائىلىنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ھالقىلىق پەيتلەردە تۇغقانلىق مىھرىنىڭ قانچىلىك زور كۈچى بارلىقىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ يىتەلمەيسىز. سىز ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئىرىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھە دىسىلا ئاتا-ئانىڭىز ۋە تۇغقانلىرىڭىزنى ئەيىبلىسە سىز قانداق ئويلايسىز؟
6. ھەمىشە ئەرلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرماڭ، ئۇلارنىڭ قول تېلفونىنى ئوغۇرلۇقچە "تەكشۈرمەڭ".
      ئەرلەرنىڭ يانچۇقىدا ئادەتتە يانفون، پارچە پۇللار، تاماكا، چاقماق دىگەندەك نەرسىلەر بار بولىدۇ؛ شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ سىز ئىرىڭىزنىڭ يانچۇقىغا ئاسانلىقچە "چېقىلماڭ"، چۈنكى ئۇلارنىڭ يانچۇقى غۇرۇر ۋە ئىشەنچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا سىز دائىم ئىرىڭىزنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرسىڭىز، ئۇنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغانغا ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭلاردىكى ئىشەنچىنى گۇمران قىلغانغا ئوخشاش. ئەلەرنىڭ يانفونىدا بولسا، قارىماققا يېقىنچىلىقنى بىلدۈرىدىغان، ئەمىلىيەتتە بولسا ھېچقانداق مەنىسى يوق ئۇچۇرلا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ شۇڭا سىزنىڭ ئىرىڭىزنىڭ يانفونىنى ئوغۇرلۇقچە تەكشۈرسىڭىز ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بىئاراملىقى تېپىۋالىسىز، ھەمدە ئىرىڭىزنىڭ سىزنى بىشەملىك قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرىڭىزنىڭ ئەگەر راستىنلا تالاغا قاراش نىيىتى بولسا، سىز ئۇنىڭ يانفونىنى ئاختۇرۇپمۇ توسۇپ قالالمايسىز.
     ئايال بولماق ئاسان ئەمەس، ئەقىللىق خوتۇن بولماق تېخىمۇ تەس؛ ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى ئەسلىدىنلا ئىگىز پەسلىكلەرگە تولغان، شۇڭا بەزى مەسىلىلەردە ئۆزىڭىزنى ياخشى تۇتىۋىلىشنى ئۆگەنگىنىڭىزدىلا، تۇرمۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ بەخىتلىك قىلالايسىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号