ئاياللار كۆكسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىتىلىش مەزگىلى بارمۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8049:ئادەم ئۆگەندى
      ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جىنسي تۇرمۇش، ھەيىز كۆرۈش ۋە بالا ئىمىتىش ئاياللار كۆكسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ گەپلەر راستمۇ؟
ھەيىز كىلىشتىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ كۆكسى يوغىنامدۇ؟
      شۇنداق!
     ھەر قېتىملىق ھەيىز مەزگىلىدە، ئاياللىق ھورمۇنى ئەمچەكتىكى سۈت تومۇرلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى غىدىقلايدۇ، تۇغۇت ھورمىنى سۈت بېزىنىڭ ئۆسۈشىنى غىدىقلايدۇ. بۇ جەرياندا ئاياللار كۆكسىنىڭ ئىششىپ يوغىنىغانلىغىنى ھەتتا ئېچىشىپ ئاغرىغانلىقىنى ھىس قىلالايدۇ.
     ئەمىلىيەتتە، ھەيىزدىن ئىلگىركى بۇ خىل سىزىمنى، "چوڭىيىپ قالدى" دىگەندىن كۆرە، "بوشىشىپ كەڭىيىپ كەتتى" دىيىش تېخىمۇ مۇۋاپىقراق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەمچەكتىكى بەزلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ ئاياللار بەدىنىنىڭ ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ھەيىز مەزگىلىدە ئاياللار ھامىلدار بولمىسا، كىيىنكى قېتىم ھەيىز كەلگەن ۋاقتىدا، كۆكسى نورمال چوڭ-كىچىك ھالىتىگە قايتىدۇ.
    بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى، ئەگەر سىزنىڭ كۆكسىڭىزدە، تۇيۇقسىزلا قاتتىق تۈگۈنچەك نەرسە پەيدا بولۇپ قالغىنىنى ھەمدە بارغانسىرى يوغىناپ كىتىۋاتقىنىنى بايقىسىڭىز، ياكى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ھەيىز مەزگىلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بايقىسىڭىز دەرھال، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشىڭىز كىرەك.
جىنسىي تۇرمۇش ئاياللار كۆكسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟
      ئەپسۇس، ئۇنداق بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىزگە مۇكاپات چىقىپ، ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز، كۆكسىڭىزنىڭ يوغىناش ئېھتىماللىقى بار.
     ئادەتتە كۆكسى يوغىنىغاندەك بىلىنىدىغان خاتا سىزىم بولۇشىدىكى سەۋەپ، بەزى ياش قىزلارنىڭ تۇنجى قېتىم جىنسىي تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئۇ دەل بەدىنىنىڭ يىتىلىش يۇقىرى پەللىسىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولۇشى ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسى ئوخشاش بىر مەزگىلدىكى پاراللىل كەلگەن ئىككى خىل ھادىسە بولۇپ، ئۇلاردا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بىلىپ قېلىشىڭىز كىرەككى، مۇۋاپىق بولمىغان ئۇۋۇلاش، مىجىپ سىقىمداش قاتارلىق قىلمىشلار تېخى ئاياللار كۆكسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، تىرە ياكى ئەمچەك توپچىسىنى غىدىقلاپ قويۇشى مۇمكىن.
     بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاشۇ ۋاقىتتا گەرچە كۆكسىدە يوغىناش بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى يەنە ئەسلىگە قايتىپ كىلىدۇ؛ ئىشەنمىسىڭىز سانتىرلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، تاڭ يۇرىغاندىن كىيىن، چوڭ كىچىكلىكى ئالدىنقى كۈنى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.  ئەمما سىز ھورمۇن تىپىدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ.
بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە ئاياللار كۆكسى قانداق يوغىنايدۇ؟
      بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ئاياللار كۆكسى يوغىنايدۇ؛ ئەمما ئىمىتىش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، كۆپىنچە بىر كۈندىلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.
     ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ، ئاياللارنىڭ كۆكسى مەيلى بۇرۇن ياكى كىيىنرەك بولسۇن، ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ؛ مەسىلەن، ئەمچەك توپچىسى قارىداش، ئەمچەك يۈز تىرىلىرىدىكى قىل قان تۇمۇرلار كۈرنىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەردە ئاغرىق سىزىملىرى پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ سۈت تۇمۇرلىرىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
      بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، مىڭە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەمچەكتىكى بەز كۆپۈكچىلىرى سۈتكە تولۇشقا باشلايدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئەمچەكمۇ تەبىئىلا يوغىنايدۇ.
     ئىمىتىش باشلىنىپ 15ئايدىن كىيىن، ياكى ئۈزۈل-كىسىل سۈت ئۈزۈلگەندىن كىيىن، ئەگەر سىز مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇرۇقلىيالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆكسىڭىزمۇ كۆپىنچە بەدەن ئېغىرلىقىڭىز بىلەن بىللە ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرىكى ھالەتكە كىلىدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بۇزىدىغىنى، كۆكسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئەسلى ھالىتىگە قايتىپلا قالماي، يەنە تۆۋەنگە ساڭگىلاشقا باشلايدۇ. ئەمما ئادەمنى ئازراق خوشال قىلىدىغان يەنە بىر خەۋەر، سۈت ئىمىتىشنى توختىتىپ 6ئاي ئەتراپىدا بولغاندا، ياغ ئورگانىزىملىرى سۈت ئورگانىزىملىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلاپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆكسى تولغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، گەرچە ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسىمۇ.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىرسىيەت، ئاياللار كۆكسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ھەرقانداق كۆكسىنى يوغىنىتىش مەلھەملىرى، كۆكسىنى يوغىنىتىدىغان ئالاھىدە چېنىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار كۆكسىنى مەڭگۈلۈك يوغىنىتالمايدۇ. ئادەتتە، ياشلىق دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئاساسى جەھەتتىن بىكىتىلىپ بولغان بولىدۇ.
     نۇرغۇن ئاياللار تولغان بولۇشنى قوغلىشىپ، ھەرخىل كۆكسىنى يوغىنىتىش ئۇسۇللىرىنى سىناپ كۆرىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا كىيىم كەيگەندە چىرايلىقراق كۆرنىشى ئۈچۈن، كۆكسىنى چىڭ تېڭىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەمما مىنىڭ قارىشىمچە، ساغلام بولسىلا، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، تەبىئى كەلگەن ھالىتى ئەڭ گۈزەل بولىدۇ. سىزنىڭچىچۇ؟

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号