ئەرلەرنىڭ سىزنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىشىدىكى ئىپادىلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7889:قېتىم كورۇلدى
      ھەر قانداق بىر ئايال كىشى چىن مۇھەببەتكە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ؛ ئەمما رىئال جەمىئەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ باشتىن كەچۈرىدىغانلىرى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، مۇھەببەتمۇ ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنىدىن پەرقىلىق كىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىرىڭىز سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەمدۇ؟ بۇ سۇئالغا قارىتا، سىز ئىرىڭىزنىڭ نىمىلەرنى دىگەنلىكىگە قارىماستىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ جاۋاپ تېپىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ئەر كىشى سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ، سىزنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى ئىپادىلىرى بولىدۇ، ئىرىڭىزدە بۇ ئىپادىلەرنىڭ بىرسى بار بولسا، سىزنى قۇتلۇقلىساق بولىدۇ، چۈنكى سىز مۇھەببەتكە ياتلىق بولغان بولىسىز.
1. سىزگە ھەمرا بولۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشنى خالايدۇ
    مۇھەببەت جەريانىدا، ئاياللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىھتىياجلىق بولىدىغىنى، قۇرۇق ۋەدىلەرنى ئاڭلاش ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولىشىدۇر. ئەگەر ئەركىشى سىزگە ھەمرا بولىدىغان ۋاقىت چىقرىشنىمۇ خالىمىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىككەيلەننىڭ ھىسياتىدىكى  دەسلىۋىدىكى قىزغىنلىق سۇسلاپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشىنىڭ سىزگە ھەمرا بولۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشنى خالامدۇ ياكى خالىمامدۇ، بۇ نوقتا ئىنتايىن مۇھىم.
2. ئۆزىنىڭ مائاشىنى سىزگە تاپشۇرۇشنى خالايدۇ
      بۇ ئەرلەر چوقۇم مائاشىنى ئايالىغا تاپشۇرسا ئاندىن ياخشى بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەرلەر بۇ خىلدىكى ئىدىيىسى بار بولۇشى كىرەك. ماددى ئاساسى بولمىغان مۇھەببەت ئۇزۇنغا بارمايدۇ، ئۇ ئەگەر سىز پۇل خەجلىسىڭىز خاپا بولۇپ قالسا، ھەتتا سىزنىڭ بىر نەچچە يۈەننى ئارتۇق ئىشلىتىپ سالغىنىڭىز ئۈچۈن بىئارام بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئەرلەرنىڭ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. ئەر كىشىنىڭ مائاشىنى سىزگە تاپشۇرۇشقا رازى بولۇشى، ئۇنىڭ سىزنى پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن سۆيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنىڭ ھەممىسىنى سىزگە تاپشۇرۇپ، سىزنى تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشنى ئويلايدۇ.
3. سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ
     مۇھەببەت بولسا، ئىككى ئادەمنىڭ بەدەل تۆلىشى ۋە مۇرەسسە قىلىشى. چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەر كىشىلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىنى توغرا، ھەممىسىنىڭ ئاساسى بار دەپ قاراپ، ئاياللارنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ؛ بۇنداق ھالەتتىكى مۇھەببەتتە، ئاياللار ئاسانلا بوزەك قىلىنىشقا ئۇچراپ قالىدۇ. ئەمما سەمىمىيلىككە تولغان چىن مۇھەببەت، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، كەلگۈسىگە بولغان نىشان ۋە پىلانلىرىنى ئىككەيلەننىڭ ئورتاق بىكىتىپ چىقىشى لازىم بولىدۇ.
 
4. ئاچچىقلىشىپ قالغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن ئەپۇ سورايدۇ
     نۇرغۇن ئەرلەر مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى "ئۆزگىرىشكە" باشلاپ، دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەنگە ئوخشاش ئۇنداق پوزۇتسىيەدە بولمايدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكى سىزنى قوغلاشقان ۋاقىتتىكى پۇزىتسىيەدە بولمىساممۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە سىزگە قائىدە سۆزلەشنى باشلاپ، سىزنى چۆگىلەپ كىتەلمەيدىغان ئەھۋاللار قايتا كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما ئامراقلىق قىلىش ئەسلىدە ئۆمۈرلۈك بولۇشقا تىگىشلىك ئىش بولۇپ، ئۇ بىر مەزگىللىك بولۇپ قالماسلىقى كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئاچچىقلىشىپ قالغاندا، يەنىلا سىزگە دەسلەپتىكىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇپ، يېنىڭىزدىن كىتەلمەي، سىزنى ئاچچىقلىتىپ سالغىنىغا تىزلا پۇشايمان قىلسا ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزدىن ئەپۇ سورىسا، بۇ ئۇ ئەرنىڭ سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
5. سىزگە ياخشى بىر كەلگۈسى بىرىش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالايدۇ
     نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ئائىلە بىلەن ئىگىلىكنى ماسلاشتۇرۇشقا ئامال يوق بولۇپ قالىدۇ؛ پۇل تېپىپ ئۆينى قامدىيالىغان ئەرلەر ئەلۋەتتە ياخشى، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنى ئۇنتۇپ، ئىگىلىكى تەرەققى قىلغانسىرى كۆڭلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. سىز ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان ئەرلەر تايىنىشقا ئەرزىيدىغان ئەر ئىكەنلىكنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ مۇھىم نوقتىسى تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئەمەس، بەلكى سىز ئۈچۈن بولىشىدۇر.
     ئاخىرقى سۆز: بىر ئادەمنى سۆيۈشنىڭ ئىپادىلىرى ھەرخىل بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بۇلارنىڭ ھەممىنى تۇرمۇشىمىزدا كۆرۋىلىشقا بولىدۇ؛ ئىشىنىمەنكى سىزمۇ چوقۇم ئۆزىڭىز ئىرىشكەن مۇھەببەتنىڭ چىن مۇھەببەت ياكى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号