بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تاماقنىڭ نامى راك ۋە مىۋە قوشۇلغان شورۋىگۈرۈچ بولۇپ، مەي مەي ئىسىملىك بىر تورداش ئىجاد قىلغان. بۇ خىل شورۋىگۈرۈچ تەمى تېتىشلىق، سۇ ھەم كالتسىي تولۇقلايدىغان بولۇپ، بالىلىرىڭىز چوقۇم ياقتۇرۇپ يەيدۇ.

بالىلارنىڭ تامىقى تەملىك بولۇپلا قالماي، ينە ئۇزۇقلۇقمۇ يىتىشىپ ماڭىدىغان بولۇش كىرەك. شۇڭلاشقا بۈگۈنلۈك تەۋسىيە تامىقىمىز گەرچە بىر قاچا شورۋىگۈرۈچ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئىشلەتكەن گۈرۈچ بىلەن تېرىق بالىلارنىڭ دانلىق زىرائەت ماددىلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك قىلىدۇ؛ تازىلانغان راك كالتسىي تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تۇلۇقلايدۇ؛ مىۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ۋىتامىن، مىكرو ئىلمىنىتلار ۋە يىمەكلىك تالاسى بالىنىڭ چوڭ كىچىك تەرىتىنى راۋان قىلىدۇ.

كىتەرلىك ماتىريال:
تازىلانغان راك 30 گىرام، نەشپۈت، ئاناناس(凤梨) ، قوغۇن، گۈرۈچ بىلەن تېرىق 20 گىرامدىن
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. ماتىرياللارنى تەييار قىلىش

2. راك، ئاناناس، نەشپۈت، قوغۇنلارنى كىچىك كىچىك قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ ئەگەردە راكنى پۇرىقى چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، بىرنەچچە تامچە لىمون شەربىتى تېمىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

3. گۈرۈچ ۋە تېرىقنى يۇيۇپ قازانغا سېلىپ شورۋىگۈرۈچ قاينىتىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كىيىن راكنى سالىمىز؛

4. شورۋىگۈرۈچ قايناپ تەييار بولۇپ ئېلىشنىڭ ئالدىدا، توغراپ تەييار قىلغان مىۋىلەرنى سېلىپ، شورۋىگۈرۈچنى قاچىغا ئۇسساقلار بولىدۇ.


كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر
قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا
دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە
ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号