ۋاكسىنا ۋەقەسىدىن كىيىن، بەي بەي پو ۋاكسىنىسىنى قانداق تۇلۇقلاپ ئەملەش كىرەك؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8509:ئادەم ئۆگەندى

    بەي بەي پو ۋاكسىنىسى---كۆك يۆتەل، بوغما كىسىلى، قاتما كىسىلى ۋاكسىنىلىرىنى مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ۋاكسىنا بولۇپ، ئاساسلىقى بالىلاردا بولىدىغان كۆك يۆتەل، بوغما كىسىلى ۋە قاتما كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەملىنىدۇ. دۆلەتلىك ئىممونىتلاش پىلانىدا، بالىلار ئۈچ ئايلىق، تۆت ئايلىق، بەش ئايلىق بولغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەش، 18 ئايلىق ياكى 24ئايلىق بولغاندا تۆتىنچى قېتىملىق بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەش كىرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

     بۇ قېتىملىق ۋاكسىنا ھادىسىسىدىن كىيىن، بەلكىم بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ھەققىدە ئاز-تول چۈشەنچە ھاسىل قىلدىڭىز؛ ئەگەر سىز بۇرۇن بالىڭىزغا بەي بەي پو ۋاكسىنىسىنى تۇلۇق ئەملەتمىگەن بولسىڭىز قانداق قىلىش كىرەك؟ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!

تۇلۇقلاپ ئەملەش ئوبىكىتلىرى

     دۆلەت ئىممونىتلاش پىلانىدا تەۋسىيە قىلىنغان ياش ئۆلچىمى بويىچە، بەلگىلەنگەن قېتىم سانىغا تۇلۇق يەتكۈزۈپ بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەنمىگەن 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار.

تۇتۇقلاپ ئەملەشتە قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كىرەك؟

     1. ئۈچ ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان ئارلىقتا DTaP ( بەش خىل بىرلەشمە ۋاكسىنا ) ، بەلگىلەنگەن قېتىم سانى بويىچە ئەملەنمىگەن بالىلار، كەم قالغان قېتىم سانىنى تۇلۇقلاپ ئەملىتىشى كىرەك؛ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئەملەشنىڭ ئارلىقى 28 كۈندىن ئاز بولماسلىقى، ئۈچىنچى قېتىملىق بىلەن تۆتىنچى قېتىملىق ئەملەشنىىڭ ئارلىقى 6 ئايدىن ئاز بولماسلىقى كىرەك.

      2.  6 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، DTaP ئەملىگەن ھەم بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملىگەن قېتىم سانى 3 قېتىمغا يەتمىگەن بالىلار بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەش قېتىم سانىنى 3 قېتىمغا يەتكۈزۈش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەش بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئەملەشنىڭ ئارلىقى 2-1ئاي ئارلىقىدا بولسا بولىدۇ، ئۈچىنچى قېتىملىق ئەملەش بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەشنىڭ ئارلىقى 12-6 ئاي ئارلىقىدا بولسا بولىدۇ.

     3.  ئەملەش ئوبىكتىنىڭ يېشىغا قاراپ، ئەملەيدىغان ۋاكسىنىنىڭ تۈرىنى تاللاش لازىم؛ ئۈچ ئايلىقتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا DTaP ئەملەش، 11-6 ياشتىكى بالىلارغا ئادسورپسىيىلەنگەن بوغما كىسىلى ۋە قاتما كىسىلى بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ( بالىلار ئىشلىتىدىغان ) ئەملەش، 12 ياشتىن ئاشقان بالىلارغا ئادسورپسىيىلەنگەن بوغما كىسىلى ۋە قاتما كىسىلى بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ( چوڭلار ياكى ياشلار ئىشلىتىدىغان ) ئەملەش لازىم.

مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار

     1.  بەدىنى بەزىبىر رىئاكسىيە خارەكتىرلىك بىنورماللىق ياكى مەلۇم بىر پاتولوگىيىلىك ۋە ياكى فىزىلوگىيىلىك ھالەتتە تورغاندا ، ۋاكسىنا ئەملەش بەدەنگە بەزىبىر زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھەتتا ئېغىر بولغان غەيرى ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

     2. ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىنىڭ بەدەن ھالىتى تەرپىدىن بەلگىلىنىشى، ۋاكسىنىنى ئاساس قىلىۋالماسلىقى كىرەك.

     مەنئى قىلىنغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ.

     ھەر بىر بالىلار ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئالدىدا، مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ۋە ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشكە تىگىشلىك بولغان ئەھۋاللار دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ ئايرىلغاندىن كىيىن، ۋاكسىنا ئەملەش ياكى ئەملىمەسلىكنى قارار قىلىش كىرەك.

 

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号