گۈللۈكتە ئۆزى يالغۇز بالا تۇغۇپ، دۇنيانى زىلزىلگە سالغان ئايال
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8544:قېتىم كورۇلدى

      " كۈندىلىك پوچتا گىزىتى "نىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گىرمانىيىلىك 36 ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، ئۆز ئۆيىدىكى گۈللۈكتە ھېچقانداق ياردەم يوق ئەھۋال ئاستىدا ئالتىنىچى بالىسىنى تۇغقان، ئۇنىڭ باشقا بالىلىرى نەق مەيداندا ئانىسىنىڭ تۇغۇت جەريانىنى كۆرگەن.

 

     تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئايال يەنە ئائىلىدىكىلىرى نەق مەيداندا تارتىۋالغان تۇغۇت جەريانى فىلىمىنى YouTube تور بىكىتىگە يوللىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 140مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بۇ فىلىمنى كۆرگەن. ئەمما سىز تېخى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بۇ قېتىملىق بالا تۇغۇش ئۇنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ قالتىس بولغان تۇغۇتى ئەمەس، بۇ باتۇر ئانىنىڭ ئورمانلىقتا ئۆزى يالغۇز بالا تۇغقان كەچۈرمىشى بار.

     " قۇياش گىزىتى" نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئايالنىڭ ئسىمى سارا.سىمىد بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بالىسى ئۇنىڭ ئالتىنچى پەرزەنتى ئىكەن.

     ئۆزى يالغۇز تۇغۇش ۋە نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ كەچمىشىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى قارار قىلىغانلىقى ھەققىدە توختالغاندا، سارا چۈشەنچە بىرىپ مۇنداق دىگەن: " ئاياللار بالا تۇغۇپ پەرزەنت يۈزى كۆرگەندىن كىيىن، ئاندىن تېخىمۇ ئايال كىشىگە ئوخشايدىغان بولىدۇ؛ بالا تۇغۇش دۇنيادىكى ئەڭ تەبىئى ھەم ئەڭ نورمال ئىش بولۇپ، مەن بۇنى ئەجەبلىنەرلىك ئىش دەپ قارىمايمەن. بۇرۇن قىزلار ئانىسىنىڭ تۇغۇت جەريانىنى كۆرۈپ بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايتتى؛ ھازىر بۇنداق پۇرسەتلەر ناھايىتى ئاز. مەن تارقاتقان بۇ فىلىم كىشىلەرگە بالا تۇغۇلۇش جەريانىنى بولۇپمۇ ھېچقانداق دەخلە يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇلۇش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بۇ ناھايىتى ئاز كۆرلىدىغان بىر ئىش."

      كىشىلەر سارانىڭ ئالاھىدە بولغان تۇغۇت كەچمىشىگە قارىتا، ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا قارىتا سارا مۇنداق دىگەن: " بەزى كىشىلەر ناھايىتى ھاياجانلاندى، يەنە بەزىلەر بولسا مىنى ھاماقەتلىك بىلەن ئىش كۆرگەن دىدى؛ ئەمما مەن بۇلارنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، مەن بەخىتلىك ۋە ساغلام بولغان  بۇ ئائىلەمنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئىلگىرى دوختۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ھەم بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ھېچقانداق تىببى ياردەم يوق ئەھۋال ئاستىدا ھەقسىز تۇغۇشنى ئويلىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىرتقى مۇھىتتا ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئازادە ھىس قىلىپ، دىققىتىمىنى بالا تۇغۇشقىلا مەركەزلەشتۈرەلەيمەن."

      سارانىڭ ئەسلەپ بىرىشىچە، 2006-يىلى 9- ئايدا ئۇ تۇغۇت ياردەمچىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئۆيىدە 15 سائەت سەرپ قىلىپ، بىرىنچى بالىسى جوھاننانى تۇغقان؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇت ياردەمچىسى ئۇنىڭ تۇغۇت ئازابىنى يىنىكلەشتۈرۈپ بىرەلمىگەن، شۇڭلاشقا ئۇ كىيىنكى قېتىملىق تۇغۇتىدا تۇغۇت ياردەمچىسى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلغان ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كىيىنچە ئۆزى نۇرغۇن تۇغۇت جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن.

      2008-يىلى7-ئايدا، سارا شىۋىتسىيىدىكى بىر ئورمانلىقتا، ئۆزى يالغۇز ئىككىنچى بالىسى جوناسىننى تۇغقان. سارا بالىنى تۇغۇپ بولۇپ 4 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، سارانىڭ يولدىشى تىم كىلىپ ئۇنى رەسىمگە تارتىپ قويغان. سارانىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئىرىنىڭ تۇغۇتتىن قورقۇش كىسىلى بار بولۇپ، شۇڭلاشقا ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا ئىرىنىڭ قىشىدا يوق بولۇشىدىن خاپا بولمايدىكەن. سارا دوختۇرخاندا تۇغسا ناھايىتى ئېغىر بېسىم ھس قىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇرمانلىق ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر خىل ئازادىلىك بېغىشلاپ، كەيپىياتىنى چاغ قىلىدىكەن.

     ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلۇپ بىرنەچچە يىلدىن كىيىن، سارا ئۆيىدىكى گۈللۈكتە ئۆزى يالغۇز ئۈچىنچى بالىسى ئېمانۇلنى تۇغقان. 2012-يىلى4-ئايدا تۆتىنچى بالىسى ئىلزابىتنى يەنە ئۆزى يالغۇز ئۆيىدىكى مىھمانخانىدا تۇغقان، چۈنكى بۇ كۈنى سىرت ناھايىتى سۇغۇق ئىكەن.

      2015-يىلى 2-ئايدا سارا بەشىنچى بالىسى كونستاتىننى تۇغۇشتىن بۇرۇن، بۇ قېتىم بالىنى سۇدا تۇغۇشنى ئويلاشقان. سارانىڭ ئۆيىدە ناھايىتى چوڭ بىر چىلەك بار بولۇپ، ئۇ ئەسلى مۇشۇ چىلەكتە تۇرۇپ تۇغۇشنى ئويلاشقان، ئەمما ئەمىلىيەت پىلانغا ئۇدۇل كەلمەي، چىلەك قۇيۇلغان سۇ ئەمدى يېرىم بولۇشىغا بالىسى تۇغۇلغان. بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، سارا ئۆزى بالىسىنىڭ كىندىكىنى كىسىپ، ھەمرىيىنى بىتەرەپ قىلغان، بالىسىنىمۇ ئۆزى يۇيغان.

       چوڭ ئىككى بالىسىدىن باشقا، سارا قالغان 4 بالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىنى فىلىمغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ئەڭ كىچىك بالىسى كىران گۈللۈكتە تۇغۇلغاندا، ئاكا-ھەدىلىرى بىر ياندا ئۇنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىنى كۆرۈپ تۇرغان. سارانىڭ دىيىشىچە بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ ئازراقمۇ قورقۇش ھىس قىلمىغان؛ باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى كىچىسى تۇغۇلغان، شۇڭلاشقا ئۇلار كۈندۈزى تۇغۇلغان بالىنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىنى كۆرەلىگەنلىكىدىن خوشال بولغان.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号