تۇمۇز ياز كۈنلىرىدە، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ رولىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەمما بەدىنى نىسبەتەن ئاجىزراق بولغان بالىلار ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە تۇرسا ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ، زۇكامداپ قالىدۇ... مۇتەخەسسىسلەر ئات-ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدىلا، بالىلار يازنى ساق-سالامەت ئۆتكۈزەلەيدۇ.

1. مۇۋاپىق ئۆلچەمدىكى تىپىراتۇرا بالىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم.
ئۆيدە يىڭى تۇغۇلغان بالا بولسىمۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشقا بولىدۇ، لىكىن ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئالمىشىشچانلىقىغا دىققەت قىلىش، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرىسىنى 28-26سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا ساقلاش لازىم. ئادەم بەدىنى ئەڭ راھەت ھىس قىلدىغان تىمپىراتۇرا 24-22 سىلتسىيە گىرادوس دائىرسىدە بولۇپ، مۇۋاپىق تۈردە كىيىمنى كۆپەيتىپ ياكى ئازلاتقاندا، بۇ تىمپىراتۇرانى 28-18 سىلتسىيە گىرادوس دائىرسىگە كېڭەيتىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى ئادەم بەدىنى قىل قان تۇمۇرلارنىڭ تىرىنىڭ ھورلىنىش مىقدارىنى تەڭشەش ئارقىلىق مۇھىتنىڭ تىمپىراتۇرىسىغا ماسلىشىدۇ، كىيىمنى كۆپەيتىش ياكى ئازلىتىش بولسا تىرىنىڭ ھورلىنىش مىقدارىنى تەڭشەشكە ماسلىشىدۇ. ئەمما كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ناچار بولغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ.

2. بالىلار ئۈچۈن مۇۋاپىق تۈردە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ بىرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بار.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، ئوخشاش ھالەتتە كىچىك بالىلار چوڭلارغا قارىغاندا كۆپرەك تەر چىقىدىغان ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؛ بۇ ئەھۋالمۇ كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان. ئادەم بەدىنى ھەرىكەت ھالىتى ياكى ئىسسىق مۇھىتتا تۇرغان ۋاقتىدا، تىرىنىڭ تىمپىراتۇرىنى سىزىش ئەزالىرى ئىسسق تىمپىراتۇرىنىڭ غىدىقلىشىنى قۇبۇل قىلىپ، ئەتراپتىكى قاننىڭ تىمپىراتۇرىسى مۇناسىپ ھالدا يۇقىرى كۆتۈرلۈپ، تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭە ئەتراپىدىكى مىڭە ئورگانىزىملىرىنىڭ تىمپىراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك تەر ئاققۇزۇش مەركىزى قوزغىلىپ، ئىسسق خارەكتىردىكى تەر ئاققۇزۇشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭە ئىقتىدارى يىتىلىشى مۇكەممەل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاسانلا كۆپ تەرلەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. تەر ئاساسلىقى سۇدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، %99نى ئىگەللەيدۇ، باشقا قاتتىق ھالەتتىكى ماددىلار %1نى ئىگەللەيدۇ؛ قاتتىق ھالەتتىكى ماددىلار، كۆپ قىسمى ناترى خىلور بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئاز مىقداردا ئورىئا، كالى خىلور، سۈت كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولىدۇ. ئەگەر بالىلار دائىم ئىسسق مۇھىتتا تۇرغاندا، ۋاقتىدا يىتەرلىك سۇ تۇلۇقلانمىسا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سۇسىزلىنىشنى پەيدا قىلىپ، بۆرەك ئىقتىدارىغان نىسبەتەن چوڭ دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. تۇمۇز ياز كۈنلىرىدە بالىلاردا ئاسانلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، ئىچى سۈرۈش، تەمرەتكە چىقىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرلىدۇ.

3. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
(1) بالىلارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچكە زىيادە تايىنىۋىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم؛ چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەدەن تىمپۇراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تىمپىراتۇرىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش كىرەك. مۇۋاپىق مىقداردا تەرلەش سالامەتلىككە پايدىلىق، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ھاۋا ئازراق ئىسسىپ بولغۇچە،بالىلارغا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ بەرمىسمۇ بولىدۇ. بۇندىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت يېپىق ھالەتتىكى بوشلۇقتا تۇرغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىسسقلىق تارقىتىش تاختىسىدىكى باكتىرىيەلەر بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقى مۇھىتتىن ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇش، بىر ئىسسق بىر سۇغۇق بولۇش، بالىلارنىڭ ئاسانلا "ئىسسىق زوكام" بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(2) ئۇزۇن مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش، بالىلارنى ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىدۇ؛ بالىلارنىڭ تىرە ئاستى ياغلىرى ئاز بولغانلىقتىن، قىل قان تۇمۇرلار كۆپ، بەدەن تىمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزى تېخى مۇكەممەل يىتىلىپ بولالمىغانلىق سەۋەبلىك، چوڭلار ھىس قىلالمىغان تىمپىراتۇرا پەرقىنى كىچىك بالىلار ئىنىق ھىس قىلالايدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغان ئۆيدىكى سۇغۇق ھاۋا مۇھىتىدا بالىنىڭ قىل قان تومۇرلىرى تارىيىپ، تەر بەزلىرى تۆشۈكچىلىرى ئىتىلىدۇ، سىمپاتىك نىرىپلىرى قوزغىلىپ، ئىچكى ئەزادىكى قان تومۇرلار يېغىلىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتى ئازلاپ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىچىدىكى ھەر خىل باكتىرىيە ۋە كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ كۆپىيىپ مۇھىتنى بولغايدىغان بولغانلىقتىن، بالىلار ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.


بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام
دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب
بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى
ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال
بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号