بالىڭىز يەنە تاماق يىمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟ بۇنىمۇ يىمىسە، ئۇنىمۇ يىمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟ سىنىك تولۇقلاش كىرەكمۇ؟
مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: بالىڭىز تاماق يىيىشكە ئۇنىمىسا، ئۇنىڭغا سىنىك تولۇقلاشقا ئالدىرماڭ! ئاۋال بالىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار بارمۇ يوق كۆرۈپ بېقىڭ!

1. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى نىسبەتەن ياخشى ئەمەس بالىلار. ئۈچەي ياللۇغى، جىددى خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى بار بالىلارغا، ئازدۇر-كۆپتۇر سىنىك تۇلۇقلاپ بەرسەك، كىسەللىك باسقۇچىنى قىسقارتىشقا ياردىمى بولىدۇ.
2. پەقەت كۆكتاتلا يەيدىغان بالىلار. كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدىكى فىتالات كىسلاتاسى سىنىك ماددىسى بىلەن بىرىكىۋىلىپ، سىنىك ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان سىنىك ماددىسى مىقدارىنى گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەنگە ئوخشاش قامدىيالمايدۇ.
3. قان ئازلىق كىسەللىكى بار بالىلار. سىنىك تولۇقلاشنىڭ بۇ تۈردىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسى بار.
4. ئۇزۇن مۇددەت تۈمۈر ۋە كالتسىي ياسالمىلىرىنى ئىستىمال قىلىش، سىنىك ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭمۇ سىنىك ماددىسى تولۇقلىشى زۆرۈردۇر.

ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى، تاماق يىگىلى ئۇنىماسلىقى سىنىك ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بولۇشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىك ماددىسى تولۇقلاشتىمۇ قارىغۇلارچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ. ئادەتتە بىز بالىلارنىك كۈندىلىك تاماق تىزىملىكىگە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. سىنىك ماددىسى تولۇقلاش كىرەك بولغاندىمۇ، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى، قارغۇلارچە ئىش كۆرۈلمەسلىكى لازىم.

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر
قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا
دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە
ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号