ھاياتىمىزدا ھەمىشە، بىز ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە ئۇچرايمىز. بەزى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ناھايىتى ھارغىنلىق ھىس قىلىپ كىتىمىز، بۇنداق كىشىلەر بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ كىم بىلەن بىرگە بولسىڭىز ئازادە ھىس قىلسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇڭ!

1. سەرپىياتىڭىزنى ئاشۇرىۋىتىدىغان كىشىلەردىن يېراق تۇرۇڭ
سىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولۇش ناھايىت مۇھىم؛ سىز بىلەن بىرگە بىر-بىرىڭلارنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولۇش تېخىمۇ مۇھىم. سىز ئۆزىڭىزدىكى ئاكتىپ ئىنىرگىيەنىڭ باشقىلاردىكى پاسسىپ ئىنىرگىيىگە قارشى تۇرالىغىدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يەتكىنىڭىزدە، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق ئادەملەردىن يېراق تۇرۇشنى بىلىشىڭىز كىرەك.
2. نەيرەڭۋاز كىشىلەر بىلەن بىرگە بولماڭ
ئىچىگە ھىيلە-مىكىر تولۇپ كەتكەن ئادەم، كۆپىنچە شەخسىيەتچى ئادەملەردۇر؛ سىز ئۇنداقلارغا بىر تال كەمپۈت بەرسىڭىز، ئۇ زەھەرلىك دورىمىكىن دەپ قالىدۇ؛ سىز ئۇنىڭغا بىر يامغۇرلۇق ئارىيەت بىرىپ تۇرسىڭىز، سىز ھەرقانچە دەھشەتلىك بوران-چاپقۇندا قالسىڭىزمۇ، ئۇ سىزگە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. ئۇنداقلار سىزنىڭ ھىسياتىڭىز ۋە ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى نەزەرگە ئېلىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىتىبار بىرىدىغىنى پەقەت ئۆزىنىڭ كەيپىياتىلا خالاس.
3. ساختا كىشىلەر بىلەن بىرگە بولماڭ
پاگىننىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: " ساختا كىشىلەرنى دانالار ياراتمايدۇ، نادانلار ئۇلارغا قايىل بولىدۇ، خوشامەتچىلەر ئۇلارغا چوقىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا شۆھرەتپەرەسلىك تەرپىدىن قۇل قىلىنىدۇ".
ساختا كىشىلەر يالغان سۆزلەشكە ۋە خوشامەتچىلىككە كۆنۈپ كەتكەن؛ ئۇلار سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ياخشى ۋاقىتتا سىزگە يالغاندىن ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولىۋالىدۇ، سىز ياردەمگە مۇھتاج بولغان ۋاقتىڭىزدا بولسا ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كىتىدۇ. ساختىلىق—دوستلۇق مۇناسىۋەتتىكى زەھەرلىك دورا، بۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ قالسىڭىز، ئاسانلا ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە تولا ھىسابلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن، باشقىلارنى چۈشۈرۈشنى ياخشى كۈرىدىغان كىشىلەردىن.... يېراق تۇرۇڭ! نەچچە ئون يىللىق كىشىلىك ھاياتىمىزدا ھەرخىلدىكى ئادەملەر ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا سەۋەپسىز سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يۇقارقى خىلدىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ناھايىتى ھارغىنلىق ھىس قىلسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداقلار بىلەن ئارلاشمايلا قويغىنىڭىز ياخشى.

4. ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار كىشىلەر بىلەن ئارلىشىڭ
ھەقىقى ۋاپادار كەلگەن كىشى، چوقۇم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار كىشىلەردۇر؛ ئۇلار ئويلىنىشنى، قەدىرلەشنى، مىننەتدار بولۇشنى بىلىدۇ؛ بۇنداق كىشىلەر مۇناسىۋەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان كىشىلەردۇر. ئاتا-ئانا بىزگە ھاياتلىق بەرگۈچى، ئەگەردە ئۆز ئاتا-ئانىسىغىمۇ ۋاپا قىلمىسا، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمىسە، باشقىلارغا قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟
5. ئۆز-ئارا چۈشىنىشەلەيدىغان ئادەملەر بىلەن بىرگە بولۇڭ
سىز تاغ دىسىڭىز، باغ دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلماڭ، چۈنكى ئۇ سىزنى قەتئى چۈشەنمەيدۇ. ئۆز-ئارا چۈشىنىشەلەيدىغان بولۇش، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىنىڭ ئاساسى؛ سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەم ، سىزنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىڭىزنى بىلەلەيدۇ، بۇنداقلار ئۆز-ئارا ھاياتلىقىنى خوشاللىققا يۈزلەندۈرەلەيدۇ.
6. سىزنى قوللىغان، سىزگە ئىلھام بەرگەن ئادەملەر بىلەن بىرگە بولۇڭ
نۇرغۇن كىشىلەر قارىماققا مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىندەك كۆرىنىدۇ، ئەمما ئاخىرىغا كەلگەندە ناتونۇش كىشىلەردەك بولۇپ قالىدۇ. كىشىلىك ئالاقە قىلىش-- ئۇ پايدىلىنىش قورالى ئەمەس، شۇڭلاشقا سىزنى قوللايدىغان، سىزگە زوقلىنىدىغان ئادملەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك؛ چۈنكى سىز خاتالاشسىڭىز، ئۇنداقلار سىزنىڭ ئۇۋالچىلىقلىرىڭىزنى چۈشىنىدۇ؛ ئەگەر سىز مۇۋەپپىقىيەت قازانسىڭىز سىزگە ئاسان بولمىغىنىنى بىلىدۇ.
7. سەمىمى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇڭ
ھوقۇق، ئىگىلىك، پۇل-مال ئۈچۈن ئەرزىمەس دوستلار بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ ھاجىتى يوق؛ سەمىمى دوستلۇقنىڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ سەمىمى ئادەملا سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىز ۋە پىكىر-قاراشلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئەمىلىيەتتە ھېچكىم ئەخمەق ئەمەس، پەقەت كۆپچىلىك ناھايىتى ئاددى بولغان مۇناسىۋەت شەكلىنى ياخشى كۆرىدۇ خالاس. قىلىشقا تىگىشلىك سۆز بولسا ئۇدۇل سۆزلەۋىرىش ئەۋزەل؛ بىرەر ھىسيات شەكىللەنگەن بولسا ئوچۇق-يورۇق مۇناسىۋەت قىلغان ياخشى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كىم بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا راھەت ھىس قىلسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغىنىڭىز ياخشى؛ ئۇنىڭ ئىگىز-پاكار ۋە ئۇرۇق-سېمىزلىكى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماڭ، ئۇنىڭ پۇل-دۇنياسى ۋە ئىژتىمائى ئارقا كۆرنۈشلىرىگە ئىتىبار بىرىپمۇ ئولتۇرماڭ، پەقەت سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى كەتكۈزۈپ قويماڭ.

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر
قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا
دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە
ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号