تۇمۇز ياز كۈنلىرى كىسەللىك كۆپ تارقىلىدىغان پەسىل بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆپ كۆرىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قېلىش، نەپەسلىنىش يولى يۇقىملىنىشتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دائىم كۆرلىدىغان ھەم كۆپ كۆرلىدىغان كىسەللىك بولۇپ، ئاتا-ئانىلار يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىكتۇر.

ياز پەسلىدە بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ؟
1. فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىگى ئاسان ئىچى سۈرۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ بوۋاق بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغان بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى چوڭلارغا قارىغاندا تۆۋەن، باكتىرىيە يوقىتىش ئىقتىدارىمۇ ناچار كىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بالىلار ياز كۈنى سۇنى ياكى ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇقلىشىپ ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋاتىدۇ؛ بۇ ئەھۋالدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كىسەللىك باكتىرىيىلىرىنى يوقىتالماي، كىسەللىك باكتىرىيىلىرىنىڭ ئۈچەي يوللىرىغا كىرىپ ئىچى سۈرۈشنى پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشتىن كىلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش: بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرىدىكى ھەزىم قىلىش ئىنىزىمىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ چوڭلارغا قارىغاندا ئاز بولۇپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشىغا پايدىسىز، ھەمدە ئاسان ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش: بالىلارنىڭ ئۆسۈشى تىز بولۇپ، ئۆسۈشكە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يىمەكلىكنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىگە تايىنىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ بېسىمى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ ھەم ئاسانلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك؟
1. سۇ تۇلۇقلاش: بالىلارغا ئىلمان قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش كىرەك،چۈنكى بالىلار ئىچى سۈرۈشكە باشلىغاندا، يىنىك دەرىجىدە سۇسىزلىنىش يۈز بىرىدۇ. ئادەتتە بالىلاردىكى سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى ئۇسساش، كالپۇكى قۇرۇش، سۈيدۈكى ئازلاپ رەڭگى سېرىق كىلىش، يىغلاش قاتارلىقلار بولىدۇ.
2. ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىش. بالىلارغا تاماق يىگۈزۈشتە مىقدارى ئاز قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كۈنلىك تاماقنى ئاز دىگەندە 6 قېتىمغا بۆلۈپ بىرىش؛ ئانىسىنى ئىمىدىغان بوۋاقلار داۋاملىق ئانىسىنى ئىمىش، ھەمما ئانا مايسىز تاماقلارنى ئاساس قىلىش كىرەك.

3. مىكرو ئىكولۇگىيىلىك تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش. ئۆسۈشكە پايدىلىق زەمبۇرۇغ ئۈچەي يولى ئىچكى مۇھىتىنىڭ موقىملىقىنى تەڭشەيدىغان بولۇپ، ئۈچەي يولى باكتىرىيە توپىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ۋە قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىپ، ئىچى سۈرۈش كىسەللىك باسقۇچىنى قىسقارتىدۇ.
4. بالىلارنى مەقەت يولىنىڭ تازىلىغىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. چوڭ تەرەتتىن كىيىن بالىلارنىڭ تەرەت يولىنى يۇمشاق قەغەزدە يىنىك سۈرتۈپ بىرىش، يۆگەكنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كىرەك.
5. بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.ئادەتتە ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەت ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، بالىلارنىڭ تەبىئى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ بالىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ھەر خىل كىسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

بالىلارنىڭ ئەسلىگە كىلىش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
1. سۈتنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش
2. بالىلارغا تويۇندۇرۇپ تاماق يىگۈزمەسلىك
3. قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى كۆپەيتىشنى ئاستا-ئاستا رەت تەرتىۋى بويىچە ئېلىپ بېرىش
4. مۇۋاپىق تۈردە ئاشقازان-ئۈچەي بېسىمىنى يىنىكلىتىش
5. قورساق قىسىمنى ئىللىق تۇتۇش
6. ئۈچەي يولى باكتىرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش

ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ئىنىق ھۆكۈم قىلالمىغان ياكى نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان ۋاقىتتا ۋە ياكى بالىنىڭ روھى كەيپىياتى تۆۋەن، سۇسىزلىنىش ئېغىر، ئىچى سۈرۈش ياخشىلانماي داۋاملىشىۋەرگەن ئەھۋاللاردا، بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كىرەك.
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر
قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا
دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە
ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号